باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن 9-ئاينىڭ باشلىرى قىزىل كرىست خىزمىتى يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى

2015.08.31 14:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورىيە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقى 29-ئاۋغۇست، چاۋشيەننىڭ شۇ كۈنى كورىيەنىڭ تەكلىپىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، 9-ئاينىڭ 7-كۈنى كورىيە بىلەن چاۋشيەن چېگراسىدىكى پانمونجومدا قىزىل كرىست خىزمىتى يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، جەنۇب بىلەن شىمالدىكى ئائىلىسىدىكىلەردىن ئايرىلغانلارنىڭ جەم بولۇش پائالىيىتىگە ئالاقىدار ئىشلارنى مۇزاكىرىلىشىشكە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

  تونۇشتۇرۇشلارغا قارىغاندا، كورىيە تەرەپ 28-ئاۋغۇست بۈيۈك كورىيە قىزىل كرىسىت جەمئىيەتنىڭ باش دېرىكتورنىڭ نامى بىلەن چاۋشيەن تەرەپكە 9-ئاينىڭ 7-كۈنى پانمونجومدا قىزىل كرىست جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان. چاۋشيەن 29-ئاۋغۇست پانمونجمدىكى ئالاقىلىشىش يولى ئارقىلىق بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇپ، كورىيەنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كورىيە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقى، كورىيەنىڭ ئارقىدىن پانمونجومدىكى ئالاقىلىشىش يولى ئارقىلىق يىغىننىڭ تەپسىلاتى مەسىلىسى توغرىسىدا چاۋشيەن تەرەپ بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىدىكەن ۋە كېڭىشىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر