- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سۇرىيە زۇڭتۇڭى تېررورىزمنى يوقىتىش سۇرىيەنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى
2015.07.27 15:51 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سۇرىيە زۇڭتۇڭى باشار ئەسەد تۈنۈگۈن سۇرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتە نۇتۇق سۆزلەپ: سۇرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىسى تېررورىزمنى يوقىتىش دەپ تەكىتلىدى ھەمدە غەرب ئەللىرىنىڭ تېررورىزمغا قوش ئۆلچەم قوللانغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
باشار تۈنۈگۈن دەمەشقتە ئەلئارا تەشكىلاتلار، سودا-سانائەتچىلەر، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى زاتلار بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە تېلېۋىزىيەدە پۈتۈن مەملىكەتكە بىر سائەتتىن ئارتۇقراق نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تېررورىزمنى يوقىتىشنى ئاساس قىلمىغان سۇرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىدىغان ھەر قانداق تەشەببۇسنىڭ قىلچىلىك ئەھمىيىتى يوق، سۇرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىسى تېررورىزمنى يوقىتىش. باشار يەنە: بىر قىسىم دۆلەتلەر يېقىندىن بۇيان سۇرىيەدىكى ئەسەبىي تەشكىلاتلارنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، سۇرىيەنىڭ قىسمەن جايلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ئېغىرلىتىۋەتتى دەپ ئەيىبلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر