باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيەدە ساگامىكو سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىدا ۋەتەن ئۈچۈن قەستكە ئۇچراپ قۇربان بولغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى

2015.07.27 15:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيەنىڭ كاناگاۋا ئۆلكىسىنىڭ ساگامىكو ئالماشتۇرۇش مەركىزىدە تۈنۈگۈن تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگولۇق 28 ئىشچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇرۇش مەزگىلىدە ساگامىكو سۇ ئامبىرىنى ياساشقا قاتنىشىش جەريانىدا قازا قىلغان جۇڭگولۇق، چاۋشيەنلىك، كورىيەلىك، ياپونىيەلىك ئىشچىلارغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى. جۇڭگونىڭ ياپونىيەدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى شېن جيەنگو مۇنداق دېدى: ياپونىيە مىلىتارىزمى قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ياپونىيە خەلقىگىلا ئەمەس بەلكى جۇڭگو ۋە كەڭ ئاسىيا خەلقىگىمۇ غايەت زور زىيان يەتكۈزدى، تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تارىخىي ساۋاقلارنى ئېسىدە چىڭ ساقلىشى، خاتالىقلىرىنى تەكرارلىماسلىقى، تىنچ كەلگۈسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ياخشى باشلىنىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ساگامىكو سۇ ئامبىرى ياپونىيەدىكى تۇنجى سۈنئىي كۆل بولۇپ، 1940-يىلىدىن 1947-يىلىغىچە ياسالغان، ھازىر كاناگاۋا ئۆلكىسىدىكى ئاھالىلارنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئىچىملىك سۇ ئامبىرى، ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە دەم ئالىدىغان ئارامگاھى. بۇ سۇ ئامبىرىنى ياساش ئۈچۈن ياپونىيە ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ئۈچ مىليون 600 مىڭ ئادەم قېتىم ئەمگەكچى ئىشلەتكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر