باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى قاتار ئەمىرىگە ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى

2015.07.27 15:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەررىف تۈنۈگۈن كەچتە قاتاردا قىسقا زىيارەتتە بولۇپ، قاتار ئەمىرى تەمىمغا ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئۇقتۇردى.

  تەمىم دەۋھەدىكى ئەمىر سارىيىدا زىيارەتكە كەلگەن زەررىف بىلەن كۆرۈشتى، زەررىف تەمىمغا ئىران زۇڭتۇڭى روھانىينىڭ خېتىنى تاپشۇردى، خەتنىڭ مەزمۇنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى شەرھلەش ھەمدە يادرو كېلىشىمى ھاسىل قىلىش مەيدانى، پارس قولتۇقى شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋەزىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىلىدۇ. قاتار ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، زەررىف كۆرۈشۈشتە يەنە سۇرىيە، ئىراق مەسىلىسى ھەمدە بۇ رايوندىكى تېررورلۇق ۋە ئەسەبىي كۈچلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇش قاتارلىقلار ئۈستىدە تەمىمغا ئىراننىڭ مەيدانىنى بايان قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر