باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تىنچلىق نامىدىكى ئەستىن چىقمايدىغان «پوتسدام ئاخباراتى»

2015.07.27 15:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1945-يىلى 26-ئىيۇل جۇڭگو، ئامېرىكا، ئەنگىلىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ياپونىيەنى تەسلىم بولۇشقا دەۋەت قىلغان «پوتسدام ئاخباراتى»نى بىرلىكتە ئېلان قىلدى. «پوتسدام ئاخباراتى» قاتارلىق بىر يۈرۈش خەلقئارا قانۇنى كۈچىگە ئىگە ھۆججەتلەر بولغاندىن كېيىن ئۇرۇشتىن كېيىن خەلقئارا تەرتىپ بىكىتىلدى، دۇنيا بىر قەدەر ئۇزۇن تىنچلىق مەزگىلىگە كىردى. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياپونىيەدىكى ئوڭچىل كۈچلەر خەلقئارا قانۇننىڭ نوپۇزىغا پات پات خىرىس پەيدا قىلىپ، تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى ئىنكار قىلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان شەكىللەنگەن خەلقئارا تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى، بۇنداق قىلمىشلار خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. ئامېرىكىدىكى خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، «پوتسدام ئاخباراتى» خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى تەرتىپىگە ئاساس سالغان بولۇپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىق مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشنىڭ ئاساسى بولغان، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇرمىلىشىغا ئۇچرىدى. گېرمانىيەلىك بىر قىسىم تارىخشۇناسلار: جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، كەچۈرۈم سورىغاندىلا ئاندىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ دەپ قارىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر