- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«تېتانىك ناملىق پاراخوت»فىلىمىنىڭ كومپوزىتورىنىڭ نامىدىكى ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ ئۇچقۇچى قازا قىلدى
2015.06.24 15:21 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ24 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-ئىيۇن، ئامېرىكىلىق كومپوزىتور جېمېس ھورنېر نامىدا رويخەتكە ئېلىنغان ئايروپىلان جەنۇبىي كالىفورنىيە شتاتىدا چۈشۈپ كىتىپ بىر ئادەم قازا قىلدى. ئۆلگۈچىنىڭ سالاھىيىتى تېخى ئېلان قىلىنمىدى. ھورنېر ئىلگىرى«تېتانىك ناملىق پاراخوت»فىلىمنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن.
شۇ يەردىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقى باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئايروپىلان تەخمىنەن شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 يېرىمدا لوس پادرېس ئورمانلىقدا چۈشۈپ كەتكەن، ئۇچقۇچى قازا قىلغان.
ھورنېر ئائىلسىنىڭ بىر ئادۋۇكاتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئايروپىلان— ھورنېر ئىگىدارلىقىدىكى ئايروپىلانلارنىڭ بىرى، ھورنېردىن ھازىرغىچە خەۋەر يوق.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر