- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
پۇتىن ئۇكرائىنادىكى خەلق قوراللىق كۈچلىرىگە بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى
2014.07.24 14:53 مەنبە: خەلق تورى
رۇسىيە ئۆزىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى خەلق قوراللىق كۈچلىرىگە بولغان تەسىرى ئارقىلىق، مالايسىيا ئاۋىياتسىيەسى MH17-قېتىملىق ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
پۇتىن رۇسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: «بەزىلەر ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى قوراللىق كۈچلەرگە بېسىم ئىشلىتىشىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز.»
پۇتىن مۇنداق دېدى: «رۇسىيە (مالايسىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلانىنى) ئومۇميۈزلۈك، ئۇنىۋېرسال، چوڭقۇر ۋە ئاشكارا تەكشۈرۈشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.».
بىراق پۇتىن يەنە غەرب دۆلەتلىرىدىن ئۇكرائىنا دائىرىلىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي رايونلىرىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە مەركىزى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر