باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا يېڭىدىن 300 كەسىپ تۈرى قوشۇلدى

2014.07.24 13:07         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملاتقاندا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئۆزى ئوقۇغان كەسىپنىڭ قوبۇل قىلىنىش كەسىپ دائىرىسىگە كىرمەسلىكى مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتناشقۇچىلارنى تەشۋىشكە سېلىپ قويغان ئىدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجىتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرلار ئىدارىسى تارقاتقان‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى كەسىپ پايدىلىنىش مۇندەرىجىسى(2014) ››دە، كەسىپ تۈرلىرى 11 پەن، 65 كەسىپ چوڭ تۈر، 2700 دىن ئارتۇق كونكېرىت كەسىپ تۈرىگىچە كېڭىيىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يۇقىرىقىدەك تەشۋىشى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولغان.

  23 - ئىيۇل، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرلار ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان مۇندەرىجە، 2013 -يىل سىناق قىلىنغان ھەمدە بۇ يىل قايتا ئاممىدىن ئاشكار پىكىر ئېلىش ئاساسىدا يەنىمۇ تۈزىتىلگەن. پەن ۋە كەسىپىي چوڭ تۈردە ئۆزگىرىش بولمىغان، ئەمما كونكېرىت كەسىپ تۈرىگە 300 دىن ئارتۇق تۈر قوشۇلغان.

  مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، كونكېرىت كەسىپ تۈرلىرىگە قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىش خادىم قوبۇل قىلىدىغان ئىدارە -ئورۇن ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە تېخىمۇ قولايلىق ئېلىپ كېلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر