21-ئىيۇل شىنخۇا ئاگېنتلىقى باشلىغان «جۇڭگو تور ئىشلىرى-تەسىرلىك 2014-يىل» 2-پەسىللىك تور شەخسلىرىنى باھالاش نەتىجىسى چىقتى، نەچچە يۈزمىڭ تورداش ئۆز قەلبىدىكى تەسىرلىك شەخسلەرنى تاللاپ چىقتى. مەيلى مەۋھۈم تور دۇنياسى بولسۇن ياكى رېئال دۇنيا بولسۇن، ئادىمىيلىك نۇرلىرى ئالاھىدە جۇلالاندى.
ھەريىلدىكى «جۇڭگو تور ئىشلىرى ـــ جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەنلەر»نى باھالاش پائالىيىتىدە بىز ھامان ئاددىي ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن ئالاھىدە نەتىجىلەرنى ياراتقان شىنجاڭلىقلارنىڭ سىيماسىنى كۆرەلەيمىز. ئۇلار جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئاقكۆڭۈل، دوستانە قىياپىتىنى جۇڭگوغا نامايان قىلىدۇ. تۆۋەندە بىز «جۇڭگو تور ئىشلىرى ـــ جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەنلەر»نى باھالاش پائالىيىتى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيانقى شىنجاڭلىقلارنى كۆرۈپ باقايلى.
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى