ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 23-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مالايشىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ MH17 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە بەختسىزلىككە ئۇچرىغان 40 نەپەر گوللاندىيەلىكنىڭ جەسىتى 23-ئىيۇل گوللاندىيەگە ئېلىپ كېلىندى، گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى، خان ئوردىسى ۋە بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىر مەيدان كىشى قەلبىنى قايغۇ-ھەسرەتكە سالىدىغان كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈنى بۇ جەسەتلەر ئىككى ئايروپىلاندا گوللاندىيە ئېيندونۋېن ئايرودرومىغا يۆتكەپ كېلىنگەن بولۇپ، كېيىنكى بىر نەچچە ئايدا، يەنە مۇرەككەپ سالاھىيەت بېكىتىش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى رۇتتې، گوللاندىيە پادىشاھى ئالېكساندىر ۋە خانىش ماكسىم شۇ كۈندىكى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. خانىش ھەتتا كۆپ قېتىم كۆز يېشى قىلغان، پادىشاھ ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تەسەللىي بەرگەن.
گوللاندىيە ئەسكەرلىرى بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ جەسىتى سېلىنغان جەسەتدانلارنى كۆتۈرۈپ، ھەربىي ئايروپىلاندىن ماشىنىغا يۆتكىگەن. بۇ جەسەتلەر خىلۋېرسۇمدىكى ھەربىي لاگېرغا يۆتكىلىپ، سالاھىيەت بېكىتىشتىن ئۆتىدىكەن.