باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى 9-ئايدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ئۆستۈرۈلىدۇ، دېگەن خەۋەرنى ئىنكار قىلدى

2014.07.24 12:08   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

مائارىپ مىنىستىرلىقى 9-ئايدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ئۆستۈرۈلىدۇ، دېگەن خەۋەرنى ئىنكار قىلدى

  يېقىندا، ‹‹2014-يىللىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەڭ يېڭى مائاش ئىسلاھاتى سىناق نۇقتا لايىھەسى ئوتتۇرىغا چىقتى، 9-ئايدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ئۆستۈرۈلىدۇ» دېگەن خەۋەرلەر توردا كەڭ تارقالدى. 23-ئىيۇل، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئورگان مىكروبىلوگىدا بۇ خەۋەرنىڭ يالغانلىقىنى ئېيتتى.

  توردا تارقالغان ‹‹لايىھە››دە ئېيتىلىشىچە، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشى ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىرىمى ئاساسىي مائاش، خىزمەت تارىخى مائاشى، ئۈنۈم مائاش ۋە ئالاھىدە تولۇقلىمىدىن تەركىب تاپىدىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە، ئاساسىي مائاش ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئاساسەن، باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا، ئالىي تېخنىكوم، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشى ئايرىم ھالدا 3000 يۈەن، 3500 يۈەن، 3800 يۈەن، 4100 يۈەن ۋە 4500 يۈەنگە ئۆستۈرۈلۈپ، خىزمەت تارىخىغا يىلىغا 60 يۈەن قوشۇلىدىكەن.

  23-ئىيۇل، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئورگان مىكروبىلوگىدا بۇ ‹‹ لاھىيە›› گە رەدىيە بېرىپ مۇنداق دېگەن: ھەر دەرىجىلىك ھەر قايسى مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كىرىم تەقسىمات ئىسلاھاتىنى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىدۇ. نۆۋەتتە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى يەنىلا 2006-يىلىدىكى كەسپىي ئورۇنلار كىرىم تەقسىمات ئىسلاھاتىدا بېكىتىلگەن ئىش ئورنى ئۈنۈم مائاش تۈزۈمى بويىچە ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ھەرقانداق شەكىلدە ئوقۇشقا كىرىش-ئۆر…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەربىر ئوقۇغۇچىغا مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئوقۇش تەۋەلىك نومۇرى تارقىلىتىدۇ
      ·كۈندە بىر سائەت ئويۇن ئويناش بالىلار ئۈچۈن پايدىلىق
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2014-يىلدىن باشلاپ ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىدىغان ئاسپىرانتلارنىڭ مەكتەپتە قېل…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خېڭ شۈي ئوتتورا مەكتىپىنى ئۆز ئىچگە ئالغان قالايمىقان ھەق ئېلىشقا ئالاقىدار بە…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپكە يېڭىدىن قوبۇللانغان نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى تاۋار …
      ·بۇ يىلدىن باشلاپ باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەر تۆت دەرىجىلىك پۇتبۇل…
      ·ئالىي مەكتەپ ئالاھىدىلىكى بويىچە قوبۇللانغان ئوقۇغۇچى قاتارلىق 50 تۈرلۈك ئۇچۇرنى ئېلان قىلىدۇ
      ·ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدىكى ئەل يول ئەلالار ۋە داڭلىق مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلار كاتتا مۇكاپاتلاندى
      ·كورلا شەھىرىدە يازلىق تەتىل ئەھمىيەتلىك ئۆتمەكتە(1)