باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

بالىلارنى ‹‹ئوقۇش ئەسقاتمايدۇ›› دېگەن سەپسەتە بىلەن قايمۇقتۇرۇشقا يول قويمايلى

2014.07.18 08:36         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋەتەننىڭ كېلەچىكى، ئۈمىدى مائارىپتا. ئىجتىمائىي تەرەققىيات مائارىپتىن ئايرىلىپ قالسا بولمايدۇ. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، بىلىملىك، ئىلغار پەن – تېخنىكا ئىگىلىك، ئىلغار ئىدىيە،ئىلغار قاراش، شۇنداقلا ئىلمىي روھ ۋە ئىنسانىي ساپاغا ئىگە زور بىر تۈركۈم قۇرغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.

  يېقىنقى يىللاردا چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر، بولۇپمۇ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مەكتەپلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ‹‹ئوقۇش ئەسقاتمايدۇ›› دېگەن سەپسەتىنى تارقىتىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى ئالداپ، زەھەرلەپ، بىز بىلەن كېيىنكى ئەۋلادلارنى تالىشىش غەرزىدە بولدى. گېزىتىمىز ئۈچ ئەزىز مېھماننى ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، دىن ئەسەبىيلىرى تارقاتقان سەپسەتىلەرگە ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن رەددىيە بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق. ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ دىن ئەسەبىيلىرىنىڭ يامان غەرىزىنى ئېنىق تونۇپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى ئاڭلىق چەكلەپ، پەن ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئىلىم – پەن بىلەن قوراللىنىپ، ئۆزىنىڭ شانلىق كىشىلىك تۇرمۇشىنى باشلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. 

  سۆھبەت ئىشتىراكچىلىرى:

  ئابلىكىم ياسىن (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭ مىللەتلەر يازما ماتېرىياللىرى تەتقىقات بازىسىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى)

  ماھىبەدەر مەھمۇد (شىنجاڭ مائارىپ پەن تەتقىقات يۇرتى ئىجتىمائىي پەنلەر كافېدراسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى)

  تاڭجارىق (ئارشاڭ ناھىيەسى دالىمتى يېزىسى بۆگدۆر كەنتىدىكى ‹‹ئالتۇن بېلىق ئارامگاھى››نىڭ دىرېكتورى)

  ھەر بىر كىشى ئاڭلىق تەربىيەلىنىشى كېرەك

  ئابلىكىم ياسىن

  شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، بىلىملىك، پەن – تېخنىكا ئىگىلىكگەن، ئىلغار ئىدىيە، ئىلغار قاراش، شۇنداقلا ئىلمىي روھ ۋە ئىنسانىي ساپاغا ئىگە زور بىر تۈركۈم قۇرغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. يېقىنقى ئون يىلدا مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى باشتىن – ئاخىر كۈچەپ ئۆستۈردى، بولۇپمۇ 2010 – يىلى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەرەققىي قىلغان ئاپتونوم رايون قۇرۇشنىڭ ئاساسى قىلىش يۈكسەكلىكىگە كۆتۈردى، مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتى سېلىنمىسى مەملىكىتىمىز مائارىپ سېلىنمىسىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئۇدا ئۈچ يىل كۆپ بولدى.

  مۇشۇنداق ئوبدان ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۇھىتىدا، ھەر بىر غايىلىك، ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلىدىغان، ۋىجدانلىق ياش غايىسى ۋە ئارزۇسىنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ئەمما، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىيالمايدىغان كىشىلەر دىن ئەسەبىيلىرىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن، ئۇلاردا ‹‹ئوقۇش ئەسقاتمايدۇ›› دېگەن خاتا تونۇش پەيدا بولدى. ئەمەلىيەتتە، ھەقىقىي تەقۋادار مۇسۇلمان ئالدى بىلەن ئۆگىنىشى كېرەك، ئاندىن ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشى كېرەك. بۇ نۇقتىنى مەن چوڭقۇر چۈشىنىپ يېتىمەن: مەن ئۈچتۇرپان ناھىيەسىدە ئاددىي ئائىلىدە تۇغۇلغان، ئاتا – ئانام بالىلارنى تەربىيەلەشنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ بىلەتتى، ئۇلارنىڭ تەلىم – تەربىيە توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى شۇنداق ئاددىي ئىدى، ئۇلار: بىلىملىك دېھقان بىلەن بىلىمسىز دېھقاننىڭ پەرقى ئىنتايىن زور بولىدۇ، دەپ قارايتتى. كىچىكىمدىن تارتىپلا مانا مۇشۇنداق ياخشى تەربىيەنى قوبۇل قىلغانلىقىم ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس سىنىپىدا ئوقۇيالىدىم، خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، ماگىستىرلىق، دوكتورلۇقتا ئوقۇدۇم، ھازىر ئىنگلىزچە، نېمىسچە، تۈركىچىنى پىشىشىق بىلىمەن، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يازما ماتېرىياللىرى تەتقىقات ساھەسىدە مۇئەييەن ئۇتۇقلارغا ئېرىشتىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مېنىڭ نۇرغۇن ئوقۇغۇچۇم ماڭا ئوخشاشلا بىلىمگە ئىنتىلىش سەپىرىگە ئاتلاندى، ئۇلارنىڭ بىرى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكىلەپ، يىلدا خېلى كۆپ كىرىم قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىگىلىكىدىن ۋاز كېچىپ، ئامېرىكىدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتقا ئوقۇشقا كەتتى.

  مۇنداقچە ئېيتقاندا، ياخشى تەربىيە ئالغان كىشى بىلەن تەربىيە ئالمىغان كىشىنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى، تىرىكچىلىك قىلىش ماھارىتى، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، ئىدىيەسى، قارىشى قاتارلىقلاردا پەرق مەۋجۇت. ‹‹ئوقۇش ئەسقاتمايدۇ››دېگەن سەپسەتىنىڭ مىللەت، جەمئىيەت، ئائىلە، شەخسكە قانداق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان. دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، مائارىپ – ۋەتەننىڭ كېلەچىكى، ئۈمىدى ھەم مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. ھەر بىر كىشى ئاڭلىق تەربىيەلەنگەندىلا، تېخىمۇ يۇقىرى يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، ئىجتىمائىي پائالىيەت، ئىختىساسلىقلار رىقابىتىگە قاتنىشالايمىز، شۇنداقلا ئائىلە، جەمئىيەت، ۋە دۆلەتكە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ چىقالايمىز. ھەر بىرەيلەن، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر بۇ نۇقتىنى تونۇپ، پەن ۋە مەدەنىيەت ساپاسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، بىلىم ئىگىلەپ، ھەققانىيەتنى چۈشىنىپ، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك. 

  تەلىم – تەربىيەنى قوبۇل قىلىش – ساپانى ياخشىلاشتىكى ئەڭ ياخشى يول

  ماھىبەدەر مەھمۇد

  مەن غۇلجا شەھىرىدە ئادەتتىكى خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ئاپام بانكىدا ئىشلەيتتى، ئاتام ئىشچى ئىدى. ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى دېگەندەك ياخشى بولمسىمۇ، ئاتام – ئانام بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بىز يەتتە پەرزەنتىنى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇتتى، مەن ئاتا – ئانامدىن ئىنتايىن مىننەتدار، چۈنكى، مەن ئىگىلىگەن بىلىملەرنى بىر ئۆمۈر ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئۆز قەدىر – قىممىتىمنى يارىتىپلا قالماستىن، ئىگىلىگەن بىلىمىم بىلەن ئەۋلادلارغا تەسىر كۆرسەتتىم.

  مەن 1984 – يىلى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، شىنجاڭ مائارىپ پەن تەتقىقات يۇرتى (ئەسلىدىكى شىنجاڭ مائارىپ پەن تەتقىقات ئورنى) غا تەقسىم قىلىندىم ھەم تىل – يېزىق، ئەخلاق ۋە تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئوقۇتۇش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندىم. كۆپ يىللاردىن بۇيان، يېزىلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدىم، دەرس ئاڭلىدىم ۋە دەرس ئۆتتۈم. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى كۆپ قىسىم مەكتەپ ۋە يېزا – قىشلاقلاردا ئاياغ ئىزلىرىم قالدى.

  يېقىندا كەسىپداشلىرىم بىلەن پىچان ناھىيەسىنىڭ لۈكچۈن بازىرىدا تېمىلار بويىچە تەربىيەلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ھەر قايسى پەنلەر بويىچە دەرسلىكنى ئۆلچەملەشتۈرۈش مەخسۇس لېكسىيەسى، دەرس تەييارلاشقا يېتەكچىلىك قىلىش لېكسىيەسى، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئانالىز قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتۇش جەھەتتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا ئاساسىي قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن يۈزتۇرا پىكىرلىشىپ ۋە مۇزاكىرلىشىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بەردۇق. ئۆگەنگەن بىلىم ۋە يېتىشتۈرگەن ئىقتىدار بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ياردەم بېرىش ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئىش ئىدى. ھالبۇكى، بۇ نەتىجىلەر بىلىمنىڭ كۈچ – قۇدرىتىدىن كەلگەن، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ئۆگەنگەندىلا، تېخىمۇ زور خۇشاللىققا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.

  ھازىر دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، جەمئىيەتتە، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا، كەنتلىرىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ‹‹ئوقۇش ئەسقاتمايدۇ›› دېگەن ئىدىيە يامراۋېتىپتۇ، بۇ خىل قاراش پۈتۈنلەي خاتا. ئېسىمدە قېلىشىچە، مەيلى ئاتا – ئانام بولسۇن ياكى بوۋام – مومام بولسۇن، بىلىم ئىگىلەشنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ بىلەتتى. كىچىك چاغلىرىمدا ھەر كۈنى تاڭ ئاتماستىنلا، مومام بىزنى ئويغىتىپ، كىتاب ئوقۇتاتتى، مومام: ‹‹قۇرئان كەرىم›› دە كىتاب ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش كۆپ قېتىم تەكىتلەنگەن، بىلىم ئالماي، ئىلغار مەدەنىيەتنى ئۆگەنمىسەك، ئارقىدا قالىمىز، دەيتتى.

  ‹‹ئىلىم – پەن تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ››دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆز كىچىكىمدىن تارتىپلا قەلبىمگە خۇددى تاشقا مۆھۈر باسقاندەك ئورناپ كەتكەنىدى. ھازىر يېشىمنىڭ چوڭىيىشى بىلەن بۇ سۆزنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتىم. چۈنكى ياخشى تەربىيەنى قوبۇل قىلغاچقا، ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللىرىمنىڭ ھەممىسى ياخشى خىزمەتكە ئېرىشتى، بەزىلىرى ئوقۇتقۇچى، بەزىلىرى مەھەللىدە ئىشلەيدۇ، ئۇلار ئۆز ئىش ئورۇنلىرىدا قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ.

  ئۆگىنىشنىڭ چېكى يوق. ئىشتىن سىرتقى چاغلاردا، دائىم تەتقىقات تېمىسىنى ئۆيگە ئەكىلىپ ئىشلەپ، كەسىپداش ئېرىم بىلەن بىرلىكتە ئىزدىنىمەن، ئائىلىمىزدىكى قويۇق ئۆگىنىش كەيپىياتى بالىلىرىمغا تەسىر قىلدى. ئۈچ بالامنىڭ ئىككىسى قوشكېزەك، چوڭ ئوغلۇم ئىچكىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مادرىد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتىدۇ، كىچىك ئوغلۇم شيامېن پەن – تېخنىكا ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، غەربىي جەنۇب قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتىدۇ، قىزىم تيەنجىن ‹‹زۇڭخۇا›› ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، غەربىي جەنۇب قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتىدۇ. مېنىڭچە، مېنىڭ ياكى بالىلىرىمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنى ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  پارتىيە ۋە دۆلەت مائارىپنى ئەڭ زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، مائارىپ سېلىنمىسى، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا ئاجراتقان سېلىنمىنى زورايتتى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، رايون ئىچى تولۇقسىز سىنىپى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ كەسپى سىنىپلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئاددىي ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى مەملىكىتىمىزنىڭ جاي – جايلىرىغا بېرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى ھەم ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى. ئەتراپىمدىكى ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان نۇرغۇن دوختۇر – سېسترا، جەمئىيەتتىكى تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەممىسى ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلغاچقا، بۈگۈنكىدەك زور ئۇتۇقلارنى قازانغان ئەمەسمۇ؟ بۇ، تەلىم – تەربىيەنى قوبۇل قىلىش شەخسنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى يول ھەم مىللەت، رايون ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى تولۇق چۇشەندۈرۈپ بېرىدۇ. 

  ‹‹قوش تىل››لىق بولۇش بىلەن تۇرمۇشۇم ئۆزگەردى

  تاڭجارىق

  مال بېقىشتىن تارتىپ، چارۋىچىلار ئارامگاھىنى ئېچىشقىچە بولغان بىر نەچچە يىل ئىچىدە، ئائىلىمىزدە يۈزبەرگەن ئۆزگىرىشتىن ئىنتايىن رازى بولدۇم، بۇنىڭغا مۇنداق ئىككى ئىش سەۋەب بولدى، بىرى قولۇمدا ھۈنەر بار، يەنە بىرى خەنزۇچە بىلىمەن.

  بىز ئاتا – بوۋىمىزدىن تارتىپلا، مال بېقىپ تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەنىدۇق، مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، خوتەنگە بېرىپ ھەربىيلىككە قاتناشتىم. ئەينى چاغدا قىسىمغا كەلگەن ۋاقتىمدا بىرەر ئېغىز خەنزۇچە گەپ بىلمەيتتىم. قىسىمدا تۇرغان ئىككى يىل جەريانىدا، قىسىمدىكىلەرنىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن خەنزۇچە ئۆگەندىم ھەم بىكار چاغلىرىمدا كىتاب ئوقۇپ خەنزۇچە سەۋىيەمنى ئۆستۈردۈم.

  ھەربىيدىن قايتقاندىن كېيىن، ئۆيگە قايتىپ يەنە مال باقتىم ھەم ئوي – ئوچاقلىق بولدۇم. كېيىنچە، دالىمتى يېزىسى چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىرەر ئىش قىلىش ئويى پەيدا بولدى، كەنتىمىز ناھىيە بازىرىغا يېقىن ئىدى، يېزىمىز ئۆزگىچە ئاز سانلىق مىللەت كەنتى بەرپا قىلماقچى بولۇۋاتاتتى، شۇڭا چارۋىچىلار ئارامگاھى ئېچىپ باقماقچى بولدۇم. پۇرسەت ئاخىرى كەلدى، 2012 – يىلى 4 – ئاينىڭ بېشىدا ئارشاڭ ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئۆزگىچە بېلىق تائاملىرى ئېتىش كۇرسىغا قاتنىشىپ، بېلىق پىشۇرۇش ھۈنىرىنى ئۆگەندىم ھەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە خەنزۇچە سەۋىيەمنى تېخىمۇ پىششىقلىدىم. ئىشنى باشلايمەن دەپلا باشلىدىم، تەربىيەلەش كۇرسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھويلامنى 40 نەچچە مىڭ يۈەنگە بېزىدىم، ئائىلە جابدۇقلىرى سەپلىدىم، بىر ئايدىن كېيىن، ‹‹ئالتۇن بېلىق ئائىلە ئارامگاھى›› ئېچىلدى.

  بېلىق تائاملىرى ئارامگاھى ئاچقىنىمغا ئۈچ يىل بولدى، يىللىق كىرىمىم 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ، تۇرمۇشىمىزدا زور ئۆزگىرىش بولدى، يېڭى ئۆي سېتىۋالغاندىن باشقا، ئاپتوموبىل سېتىۋالدىم. ئىلگىرى مال بېقىپ، بىر يىل تەرلەپ – پىشىپ ئىشلەپمۇ ئاران 10 مىڭ يۈەن كىرىم قىلاتتىم، ھازىر ئىلگىرىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، تېخنىكا ئىگىلىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەنزۇچە بىلگەنلىكتىن، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تىرىشىپ ئىشلىشى بىلەن كۈنلىرىمىز كۈندىن – كۈنگە ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.

  بۇ يىل يەنە ئىككى كىگىز ئۆي ياسىدىم. بىرىنىڭ چوڭلۇقى ئون نەچچە مېتىر كېلىدۇ، بۇ يېزىمىزدىكى ئەڭ چوڭ كىگىز ئۆي. ساياھەتچىلىكنىڭ بېسىق مەزگىلىدە، بىر كۈندە 200 نەچچە ساياھەتچىنى كۈتۇۋالىمىز، شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەردىن باشقا، بېيجىڭ، خاڭجۇ، ھەتتا شياڭگاڭدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بار، ساياھەتچىلەر مەن ئەتكەن تائاملارنى ياخشى دەپ قالماستىن يەنە، خەنزۇچىنى پىششىق بىلىدىكەنسەن دېسە، ھەممىدىن بەك خۇشال بولۇپ كېتىمەن، خەنزۇچە بىلگەچكە، تېخىمۇ كۆپ دوستلار بىلەن تونۇشۇپ، نەزەر دائىرەم تېخىمۇ كېڭەيدى، تىجارەت قىلىشقا تېخىمۇ پىشتىم.

  بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، باشتىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرىم ئارقىلىق مەيلى نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللانمايلى، بىلىم ئىگىلىمىسەك قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتىم، مانا مۇشۇ پوزىتسىيە بىلەن ھەر يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باشقا چارۋىچىلار ئارامگاھىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىدىيەسىنى قوبۇل قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، تائام رىسالىسىغا دائىر كىتابلارنى سېتىۋېلىپ ئۆگىنىمەن. يېقىندا ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلار ئارامگاھىغا بېرىپ، بېلىق پىشۇرۇشتىكى بىر نەچچە خىل يېڭى ئۇسۇللارنى ئۆگىنىپ كەلدىم، ھازىر 15 خىل بېلىق قورۇمىسى قىلالايمەن. كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا، چارۋىچىلار ئارامگاھىنى چوڭايتىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى قازاقلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن ھۇزۇرلانغاچ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ئېسىل تائاملاردىن غىزالاندۇرۇش ئۆيىدىكىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر