- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


يېڭى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇنجى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %70 تىن ئاشتى
2014.07.21 09:01 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۈنۈگۈن 2014-يىللىق مەملىكەتلىك ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىشقا ئورۇنلىشىش تىپىك تەجرىبىلىرى ئالىي مەكتەپلەر سۆھبەت يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 1-ئىيۇلغىچە، مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇنجى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %70تىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى سەۋىيە بىلەن تەڭلەشكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 2014-يىلى مەملىكەت بويىچە يەتتە مىليون 270مىڭ ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن، بۇ ئۆتكەن يىلىدىكىدىن 280 مىڭى ئارتۇق بولۇپ، %4 ئاشقان.
مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى. مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاممىۋى مۇلازىمەت سەھنىسىدىن پايدىلىنىپ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە 22 مەيدان مەملىكەتلىك چوڭ تىپتىكى توردا قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئىش ئورنى ئۇچۇرىدىن ئۈچ مىليون 600 مىڭى بىلەن تەمىنلىدى. جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەر خىزمەتكە قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدىن 14 مىڭ مەيداندىن كۆپرەك ئۆتكۈزدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر