ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇردى ئەبەيدۇللا خەۋىرى، فوتوسى: خېجىڭ بازىرى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان روزا ھېيتنى تەبرىكلەش ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ، 23-ئىيۇل ساڭزا سېلىش ، نان يېقىش ، پىلتە قۇيماق پىشۇرۇش ، چاچ ئۆرۈش ۋە ساقال ئېلىش قاتارلىق مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزدى .