باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىلدىن باشلاپ باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەر تۆت دەرىجىلىك پۇتبۇل بىرلەشمە مۇسابىقە مېخانىزىمى ئورنىتىلىدۇ

2014.08.01 08:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ شاڭخەيدە ئېچىلغان مەملىكەتلىك مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن ئۇقىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلدىن باشلاپ باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تۆت دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى مېخانىزىمىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرىدىكەن. مائارىپ تارماقلىرى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، مەكتەپلەرنىڭ پۇتبول ئىشلىرىدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تىرىشىدىكەن.

  مائارىپ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەكتەپلەردە پۇتبولنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مەكتەپ بوتبولى ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ،ئالىي مەكتەپلەردە نىشانلىق مەكتەپلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۈچ يىل ئىچىدە مەكتەپ پوتبۇلى نىشانلىق مەكتەپلىرىنى ھازىرقى 5000 دىن كۆپرەكتىن 20 مىڭغا كۆپەيتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ يىلدىن باشلاپ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەر تۆت دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى مېخانىزىمى تەدرىجىي ئورنىتىلىدۇ، ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانى سىياسىتى ئارقىلىق پۇتبول ئىقتىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش يوللىرى ئېچىلىپ، مۇنەۋۋەر پۇتبول زاپاس ئىقتىساسلىقلىرى ئارقا ئارقىدىن تەربىيەلەپ چىقىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر