باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بال يەر تەۋرەش نېمە ئۈچۈن ئېغىر ئۆلۈش-يارلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

مۇخبىر ئاپەت نەق مەيدانىغا بېرىپ سەۋەبىنى تەكشۈردى

2014.08.07 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 7-ئاۋغۇست يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 6-ئاۋغۇست سائەت 18گە قەدەر، جاۋتۇڭ شەھىرىنىڭ لۇديەن ناھىيەسى، چياۋجيا ناھىيىسى، جاۋياڭ رايونى، يۇڭشەن ناھىيەسى ۋە چۈجىڭ شەھىرىنىڭ خۇيزې ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا جەمئىي 1 مىليون 884 مىڭ ئادەم يارىلانغان، 598 ئادەم ئۆلگەن. لۇديەندىكى يەر تەۋرەشتە نېمە ئۈچۈن بۇنچە ئېغىر ئۆلۈش-يارىلىنىش كېلىپ چىقىدۇ؟

  جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىدارىسى ۋە يۈننەن ئۆلكىلىك يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلىرى تەھلىل قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: لۇديەندىكى يەر تەۋرەش تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغاچقا، ئېغىر ئۆلۈش-يارىلىنىش كېلىپ چىقتى: بىرىنچىدىن، بۇ قېتىمقى 6.5 بال يەر تەۋرەش يۈننەن ئۆلكىسى دائىرىسىدە 2000 يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر يەر تەۋرەش بولۇپ، تەسىر دائىرىسى كەڭ؛ ئىككىنچىدىن، يەر تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلىقى 12 كىلومېتىر، بۇ تىپىك تېيىز قاتلاملىق تەۋرەش بولغاچقا، يەر يۈزىنىڭ سىلكىنىشى كۈچلۈك.

  يۈننەن ئۆلكىلىك كۈچلۈك تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىلىرى تورىنىڭ لۇڭتوۋشەن كۆزىتىش پونكىتىدىكى خاتىرىگە ئاساسلانغاندا، يەر تەۋرەش دولقۇنىنىڭ شەرق-غەرب يۆنىلىشىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېزلىنىشى 985 گال (gal ‐‐ ئېغىرلىق تېزلىنىش بىرلىكى) بولغاچقا، ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر بولغان.
  جۇڭگو مىللەتلە تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
 مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر