باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدىكى ئەل يول ئەلالار ۋە داڭلىق مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلار كاتتا مۇكاپاتلاندى

2014.07.30 08:44   مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدىكى ئەل يول ئەلالار ۋە داڭلىق مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلار كاتتا مۇكاپاتلاندى

  مۇكاپاتلاش نەق مەيدانىدىن كۆرۈنۈش

  1 –ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمى ۋە روزا ھېيىت ھارپىسىدا 26-ئىيۇل ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 2 –ئوتتۇرا مەكتەپ 2014 –يىللىق ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدىكى ئەل يول ئەلالار ۋە داڭلىق مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلارنى داغدۇغۇلۇق مۇكاپاتلاش يىغىنى ئاچتى.ئاپتۇنوم رايون بويىچە «قوش تىل» ئەليول ئەلاسى مەۋلان ۋايىت،بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان گاۋجەن، چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان مەردان مەخمۇت قاتارلىق 15 نەپەر ئوقۇغۇچى ئايرىم–ئايرىم ھالدا ئەل يول ئەلا مۇكاپاتى،داڭلىق مەكتەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ 30 مىڭ يۈەندىن 5 مىڭ يۈەنگىچە مۇكاپاتلاندى.

  ئېگىلىنىشچە ،ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 2 –ئوتتۇرا مەكتەپ ئاپتۇنۇم رايونىمىز بويىچە ئۈلگىلىك تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ ،كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ مول ئوقۇتۇش تەجرىبىسى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئالى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى ماڭدۇرۇشتا گەۋدىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىش بىلەن تەشكىل،جەمئىيەت ۋە ئاممىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.بۇ يىل مەكتەپ رەھبەرلىكى كۆپ يىللىق تەجرىبىلەرگە ئاساسەن بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى ،چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى 20 مىڭ يۈەن بىلەن باشقا داڭلىق مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى 8000 -5000 يۈەن بىلەن ،ئەليول ئەلالارنى 10 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاش چارىسىنى قوللىنىش ۋە باشقا يۈرۈشلۈك ئوقۇ –ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللانغاچقا يىللاردىن بۇيانقى شانلىق نەتىجىلەر ئاساسىدا بۇ يىل يەنە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ۋىلايەت بويىچە ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدىكى تەبىئى پەنلەر بويىچە ئالدىنقى 10 ئورۇندا تۇرغانلارنىڭ 8 سى ،ئالدىنقى20 ئورۇندا تۇرغانلارنىڭ 16سى 2 –ئوتتۇرا مەكتەپتىن چىققان.ۋىلايەت بويىچە ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدىكى ئىجدىمائى پەنلەر بويىچە ئالدىنقى 10 ئورۇندا تۇرغانلارنىڭ 7 سى ،ئالدىنقى20 ئورۇندا تۇرغانلارنىڭ 15سى 2 –ئوتتۇرا مەكتەپتىن چىققان.قوش تىللىقلار بويىچە ئىمتاھان بەرگەنلەردىن مەۋلان ۋايىت 669 نۇمۇر بىلەن ئاپتۇنۇم رايون بويىچە ئەليۇل ئەلا بولغان.3 ئوقۇغۇچى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىغا، 3 ئوقۇغۇچى چىڭخۇ ئۇنۋېرسىتېتىغا،يەنە 9 ئوقۇغۇچى فۇدەن ئۇنۋېرسىتېتى،جېجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ،جوڭگۇ خەلق ئۇنۋېرسىتېتى قاتارلىق مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتلارغا قوبۇل قىلىنغان. مۇكاپاتلاش يىغىنىدا يەنە ھەيۋەتلىك بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش، ئەل يول ئەلا ۋەكىللىلىرى تەسىرات ۋە تەجرىبە سۆزلەش،كېلەر يىلى ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاننىشىدىغان تۇلۇق 3 يىللىق ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچى ۋەكىللىرى ئىرادە بىلدۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ مەكتەپ ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، تۆھپىكارلارغا ئىلھام بېرىپ تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلاش، ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىن كۆزلىگەن ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

【1】 【2】 【3】 【4】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ھەرقانداق شەكىلدە ئوقۇشقا كىرىش-ئۆر…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەربىر ئوقۇغۇچىغا مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئوقۇش تەۋەلىك نومۇرى تارقىلىتىدۇ
      ·كۈندە بىر سائەت ئويۇن ئويناش بالىلار ئۈچۈن پايدىلىق
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2014-يىلدىن باشلاپ ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىدىغان ئاسپىرانتلارنىڭ مەكتەپتە قېل…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خېڭ شۈي ئوتتورا مەكتىپىنى ئۆز ئىچگە ئالغان قالايمىقان ھەق ئېلىشقا ئالاقىدار بە…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپكە يېڭىدىن قوبۇللانغان نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى تاۋار …
      ·بۇ يىلدىن باشلاپ باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەر تۆت دەرىجىلىك پۇتبۇل…
      ·ئالىي مەكتەپ ئالاھىدىلىكى بويىچە قوبۇللانغان ئوقۇغۇچى قاتارلىق 50 تۈرلۈك ئۇچۇرنى ئېلان قىلىدۇ
      ·ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدىكى ئەل يول ئەلالار ۋە داڭلىق مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلار كاتتا مۇكاپاتلاندى
      ·كورلا شەھىرىدە يازلىق تەتىل ئەھمىيەتلىك ئۆتمەكتە(1)