خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل كىىرگەندىن بۇيان شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئېغىر ئەھۋالدا قالدى، ئېغىر قۇرغاقچىلىققا ئۇچرىغان يايلاق كۆلىمى 32 مىليون مو، تەبىئىي چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە ئوتلاق مەيدانىدىن ئورۇۋېلىنىدىغان چۆپ مىقدارى %30~%40 تۆۋەنلىگەن، 3 مىليون 950 مىڭ چارۋا نورمال يايلىتىلمىغان، چارۋىچىلارنىڭ ئولتۇراق رايونىكى 720 مىڭ مو ئوتلاقتىن ئوت-چۆپ مەھسۇلاتى %60 تۆۋەنلىگەن، 500 مىڭ مو ئوتلاق ھوسۇل بەرمىگەن. قۇرغاقچىلىقتىن 150مىڭ ئادەم، 620 مىڭ تۇياق ئات-كالىغا ۋاقتىنچە سۇ يېتىشمىگەن. ئىلى رايونىدىكى نىلقا، مۇڭغۇلكۈرە، تېكەس قاتارلىق ناھىيەلەرنىڭ نەچچە ئونلىغان يېزىلىرىدا قىسمەن سۇ كەمچىل بولغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى