باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كەنت كادىرلىرىنىڭ چىرىكلىشىشىگە دائىر 12 دېلوغا چېتىلىدىغان سومما 2 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى 7 دېلو يەر، چېقىش-كۆچۈرۈش ئىشلىرىغا چېتىلىدۇ

2014.08.07 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 2-ئاينىڭ 26-كۈنى، شېنجېن شەھىرى لۇڭگاڭ رايونى نەنليەن كەنتىدىكى «2 مىليارد يۈەن مەبلەغنى ئىگىلىۋالغان» كەنت كادىرى جوۋ ۋېيسى شېنجېن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوتلاندى. سۈرەتنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان.يېقىندا بېيجىڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېزا ئاساسىي قاتلاملىرىدىكى «ئېغىر چىرىكلەشكەن كىچىك ئەمەلدارلار»غا قارىتا مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇردى. بۇنىڭدىن بۇرۇن، مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق كۆزىتىش گۇرۇپپىسى بېيجىڭ يېزىلىرىدا كەنت كادىرلىرىنىڭ چىرىكلىشىش مەسىلىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئىكەنلىكىنى، «ئېغىر چىرىكلەشكەن كىچىك ئەمەلدارلار» مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆرسەتكەنىدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جايلار شەھەر-بازارلىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، كونا شەھەر رايونلىرىنى ئۆزگەرتىش، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى ۋە يەر ئېلىش تولۇقلىمىسى قاتارلىقلار ئىشلاردا «مىليونىر كەنت كادىرلىرى» بارلىققا كەلدى.

  يېڭى بېيجىڭ گېزىتى مۇخبىرىنىڭ تولۇقسىز ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2013-يىلىدىن بۇيان، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەنت كادىرلىرىنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشىغا چېتىشلىق 171 دېلو ئاشكارىلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە چېتىشلىق سوممىسى ئون مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان دېلو 12 بولۇپ، جەمئىي دېلوغا چېتىشلىق سومما 2 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە

  يېتىدىكەن.ئىستاتىستىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «مىليونىر كەنت كادىرلىرى»نىڭ كۆپىنچىسى گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ، جياڭسۇ ۋە بېيجىڭ قاتارلىق ئىقتىسادى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان رايونلاردىن كېلىپ چىققان. 12 دېلو ئىچىدە، 7 دېلو يەر، چېقىش-كۆچۈرۈشكە، قالغانلىرى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيى، كوللېكتىپ مەبلىغىگە خىيانەت قىلىش، دۆلەت ماددىي ئەشيا تولۇقلىمىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى چىرىكلىككە چېتىلىدىكەن.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر