- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭنىڭ توقسۇ ناھىيەسى زوراۋانلىق-تېررورلۇققا زەربە بېرىشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىدى ۋە 750 مىڭ مۇكاپات پۇلى تارقاتتى
2014.08.07 15:43 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:بۇ يىل 5-ئايدا مەملىكىتىمىزدە زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى دېلو يىپ ئۇچى بىلەن پائال تەمىنلەپ، دېلولارنى تېز پاش قىلىپ، زوراۋان-تېررورچىلارنىڭ ھەددىدىن ئاشقان قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىشكە شارائىت يارىتىپ بەردى. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسى 6-چېسلا زوراۋانلىق-تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 10 ئىلغار كوللېكتىپ ۋە 87 ئىلغار شەخسنى جەمئىي 750 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىدى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر