باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاتا-ئانىسى توپىلاڭچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر يىگىت ھەربىيلىككە قاتنىشىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە بارماقچى بولدى

2014.08.07 02:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-چېسلا چۈشتىن كېيىن، ئابلىمىت ئىسىملىك بىر يىگىت جۇڭگو ئاخبارات تورى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا:«مېنىڭ ئەسكەرلىككە بېرىپ، بىر ھەربىي بولغۇم بار» دېدى.

  بويىنىڭ ئېگىزلىكى 2 مېتىر كېلىدىغان، 21 ياشلىق بۇ يىگىت تېخى ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، ئەسكەرلىككە تىزىملىتىپ، ھەربىي سەپكە بارماقچى بولغان.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى تۇدۇڭخابا رايونلۇق خەلق قوراللىق قىسىم سىياسىي-ئىدېئولوگىيە بۆلۈمىنىڭ ئەسكەر ئېلىشقا مەسئۇل باشلىقى فېڭ گاڭنىڭ دېيىشىچە، ئابلىمىت ئۇنىڭغا تولىمۇ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان، ئۇلار شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتىغا بارغان تۇنجى كۈنىلا ئابلىمىت بىرىنچى بولۇپ ھەربىيلىككە كىرىش شەرتلىرىنى سۈرۈشتۈرگەن ھەمدە نەق مەيداندىلا تىزىمغا ئالدۇرغان، باشقىلارغا ئوخشاش قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپمۇ يۈرمىگەن.

  ئابلىمىت سەل تارتىنىپراق مۇنداق دېدى:«تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىلا ئەسكەر بولۇشنى ئويلايتتىم، چۈنكى ئەسكەر بولغاندا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى قوغدىغىلى بولىدۇ»، ئۇنىڭ ئەمدىكى ھەربىي سەپكە بېرىشتىكى سەۋەبى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ.

  ئەسلىدە، 1997-يىل 7-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە ئابلىمىتنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تېررورچىلار ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولۇپ، ئۇ كۈنى ئابلىمىت ئاكىسى ۋە ئاچىسى بىلەن بىرگە ھاممىسىنىڭ ئۆيىگە كەتكەچكە ھايات قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار يېتىملار مەكتىپىدە چوڭ بولغان، ئابلىمىت ئۇدا شۇ يەردە تۇرۇپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن.

  جۇڭگو مىللەتلە تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر