خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىل كۈنلىرىدىكى ھاياتىنى مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، كورلا شەھىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر7-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچىلارنى قول ھۈنەرۋەنچىلىك، ماتىماتىكا، ئىنگلىز تىلى، پۇتبول، كىتاپ ئوقۇش، گۈزەللىك گىمناستىكىسى، گۈزەل سەنئەت، ئۇسسۇل، پەن-تېخنىكا، بوكىس، مىللىي چالغۇ، كومپيۇتېر، پسىخىكا تەربىيەسى قاتارلىق تۈرلەر بويىچە تەربىيەلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلىشىگە ۋە يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىگە يېڭىچە قىياپەت بىلەن كىرىشىگە پۇختا ئاساس سالماقتا. ئىگىلىنىشىچە، بۇ تەربىيەلەش كۇرسى 8-ئاينىڭ 30-كۈنىگە قەدەر داۋاملىشىدىكەن، يېڭشەر يېزا مەركىزىي مەكتەپ مۇدىرى ئەنۋەرجان ياسىن مۇنداق دېدى: بىز 2008-يىلىدىن بۇيان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن 16 تۈر بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەشنى يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى يېڭىلاپ، ئۇلارنىڭ بىلىم بۇلىقىنى ئېچىش، ئىككى تەتىل كۈنلىرىنىڭ مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك ئۆتۈشىگە ئەھمىيەت بەردۇق. ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى
سۈرەتتە: ئوقۇغۇچىلار تۈرلۈك كۇرسلاردا.
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى