- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تەپتىش ئورگانلىرى 5 نەپەر مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك كادىرنى دېلو تورغۇزۇپ تەكشۈردى
2014.08.07 15:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بۈگۈن تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ 5 نەپەر مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك كادىرنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەنلىك خەۋىرىنى ئېلان قىلدى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
چىڭخەي ئۆلكىلىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى سۇڭ جىڭتاۋ (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)
يۈننەن مىسچىلىك (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ سابىق دائىمىي ئەزاسى نيۇ خاۋ (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)
خېنەن يۈگاڭ گۇرۇھىنىڭ سابىق لىدىرى، پارتكوم شۇجىسى خو شېڭپۇ (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)
شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھەرلىك ھۆكۈمىتى مائارىپ تەپتىشلىكى ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى، مائارىپ مۇپەتتىشى لى
جېنجياڭ (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)خېبىي ئۆلكىسى چېڭدې شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق دائىمىي ئەزاسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى لى گاڭ (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر