خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قۇربان مۇھەممەت خەۋىرى ، فوتوسى :
2014-يىلى جۇڭگو خەلقئارا دالىدا قونۇش ) شىنجاڭ پونكىتى ( ھەم تۇنجى نۆۋەتلىك ماشىنا ئۆي دالىدا قونۇش پائالىيىتى ، ئالتاي ۋىلايەتلىك 2-نۆۋەتلىك يېشىل يىمەكلىك ، ساياھەت ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى 1-ئاۋغۇستىن 4-ئاۋغۇسقىچە بورجىن ناھىيەسىنىڭ چوڭقۇر بازىرىدا ئۆتكۇزۇلدى . پائالىيەت جەريانىدا ھەر خىل تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ، مىللىي ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ، كۆڭۈل ئېچىش تۇرىدىكى ئاممىۋى ئويۇنلار كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلدى . بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان دالاكەش دالا ھەركىتى كۇلۇبىنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ بىرى بولغان دىلشاتنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ئاپتونۇم رايونىمىزدا بۇ پائالىيەت ئۈچ قېتىم مۇۋاپىقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىپتۇ . بۇ قېتىم ئۇلار 60 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن ئەترەتنى باشلاپ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپتۇ . دالا ھەركىتى پائالىيەتلىرى ئاپتونۇم رايون تەۋەلىكىمىزدە يېڭىدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان ، ئومۇملىشىۋاتقان ساغلام پائالىيەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن . بۇ قېتىم گۈزەل چوڭقۇر ۋادىسىغا تىكىلگەن نەچچە مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ چىدىرى ئادەمنى ئەڭ جەلىپ قىلىدىغان مەنزىرىنى ئايلاندى .
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى