شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ لېكتورى ، قانۇن پەنلىرى دوكتورى ، شىنجاڭ دانا ئادۋوكاتلىق ئىش ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى ئەركىن سامساق
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى ، فوتوسى : كۇچا ناھ ىيەسىنىڭ زوراۋانلىق ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش بويىچە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى 6-ئاۋغۇست كۇچا مېھمانخانىسى ۋە ئالقاغۇ بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى .
پائالىيەتتە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ لېكتورى ، قانۇن پەنلىرى دوكتۇرى ، شىنجاڭ دانا ئادۋوكاتلىق ئىش ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى ئەركىن سامساق رايونىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيانقى چوڭ ئۆزگىرىشلەر ۋە مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاشتىن ئىبارەت مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەر قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ ، زوراۋان–تېررورچىلارنىڭ رەزىل جىنايى قىلمىشلىرى ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كەلتۈرگەن زىيىنى ، زوراۋان–تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزام ، بەلگىلىمىلىرى ئاساسىدا ئاممىباب ، چۈشىنىشلىك ، ئەتراپلىق شەرھىلەپ ئۆتتى ، ھەمدە ھەر مىللەت ئاممىسىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ ، زوراۋان–تېرورچىلار بىلەن ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ ، گۈزەل ، بەختىيار ، تىنچ يۇرت-ماكان قۇرۇشقا دەۋەت قىلدى . لېكسىيەنى مىڭدىن ئارتۇق ئامما ئاڭلىدى .