7-ئاي تۇرپاندا ئۈزۈم ئۈزۈش مەزگىلى بولۇپ ، مەيلى سىز يارغول قەدىمىي شەھىرى ، سۇلايمان مۇنارى ، يالقۇنتاغقا بېرىڭ ، ھەممىلا يەردە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۈزۈم ئۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز .
تۇرپاندا تېمپېراتۇرا يۇقىرى ، كۈننىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۈزۈن ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولغانلىقتىن ، ئۈزۈم ئۆستۈرۈشكە ناھايىتى ماس كېلىدۇ ، تۇرپاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئالاھىدە بولغاچقا ، يەر ئاستى سۈيى ناھايىتى مول ، شۇڭا مېۋىلەرنىڭ شېكەر مىقدارىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى . تۇرپاندا ھازىر كىشمىش ، قىزىل ئۈزۈم، قارا ئۈزۈم ، قىزىل سايۋا قاتارلىق 500 خىلدىن ئارتۇق ئۈزۈم سورتى بار، بۇنىڭ ئىچىدە كىشمىش ئۈزۈمنىڭ 20 نەچچە خىل سورتى بار بولۇپ ، ئۇنىڭ شېكەر مىقدارى % 22 -% 24 كىچە .
ياز پەسلىدە تۇرپانغا بېرىپ ساياھەت قىلغىنىڭىزدا ، تۇرپان ئۈزۈمىنى چوقۇم تېتىپ كۆرۈڭ ، ياكى بولمىسا دوستلىرىڭىزغا ئالغاچ بارسىڭىزمۇ بولىدۇ ، دوستلىرىڭىز تۇرپان ئۈزۈمىنى چوقۇم ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ .