باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ كۇبانىڭ ئىنقىلابىي داھىسى فىدەل كاستىرونى يوقلىدى

2014.07.24 14:34   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ كۇبانىڭ ئىنقىلابىي داھىسى فىدەل كاستىرونى يوقلىدى

  شۇ جاي ۋاقتى 22-ئىيۇل، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھاۋانادا كۇبانىڭ ئىنقىلابىي داھىسى فىدەل كاستىرونى يوقلىدى.

  فىدەل كاستىرونىڭ تۇرالغۇسىدا، ئىككىيلەن جۇڭگو-كۇبا مۇناسىۋىتى، خەلقئارا ۋەزىيەت قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە پاراڭلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھۆرمەتلىك يولداش كاستىرو، سىز بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكەنلىكىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن. 2011-يىلى كۇباغا زىيارەتكە كەلگىنىمدە ھۇزۇرىڭىزدا ئۇزاق پاراڭلاشقانىدۇق. بۈگۈن روھلۇق، تېتىك تۇرغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. سىز كۇبا ئىنقىلابى ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ ئاساسچىسى ۋە جۇڭگو-كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسچىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن كۇبا خەلقىنىڭ شۇنداقلا جۇڭگو خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەرسىز، بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىڭىزنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمىز.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئۆزبېكىستاننىڭ %50 ئائىلىسىدە مىنبۇس ماشىنا بار
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىستىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئوقۇغۇچىلارنى قاتناشتۇرۇش…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئائىلە ئەمگەك تاپشۇرۇقىنى كۆپەيتىشنى بەلگىلىدى
      ·يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش كۇچا ناھىيەسىنىڭ كەنىتلىرىنى قاپلىدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلار رويخېتى سىستېمىسى ئارقىلىق پەرزەنتلەرنىڭ كۆچۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ھەرقانداق شەكىلدە ئوقۇشقا كىرىش-ئۆر…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەربىر ئوقۇغۇچىغا مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئوقۇش تەۋەلىك نومۇرى تارقىلىتىدۇ
      ·كۈندە بىر سائەت ئويۇن ئويناش بالىلار ئۈچۈن پايدىلىق
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2014-يىلدىن باشلاپ ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىدىغان ئاسپىرانتلارنىڭ مەكتەپتە قېل…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خېڭ شۈي ئوتتورا مەكتىپىنى ئۆز ئىچگە ئالغان قالايمىقان ھەق ئېلىشقا ئالاقىدار بە…