شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 23-ئىيۇل، تايلاندنىڭ سابىق زۇڭلىسى يىڭلۇك ئوغلى بىلەن باڭكۇك سۇۋارناب ئايرودۇرۇمىدا پەيدا بولدى شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 23-ئىيۇل، تايلاندنىڭ سابىق زۇڭلىسى يىڭلۇك ئوغلى بىلەن باڭكۇك سۇۋارناب ئايرودۇرۇمىدا پەيدا بولۇپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە سالام بەرگەن. يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، يىڭلۇك بۇ قېتىم فىرانسىيەگە بېرىپ ئاكىسى تاكسىننىڭ 65 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەيدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، يىڭلۇك 24-ئىيۇل سائەت 00:09 دە ئۇچىدىغان تايلاند ئاۋىياتسىيەسى TG930 نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، پارىژغا بارىدىكەن. بۇ ئارمىيە تەرەپ دۆلەت ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن يىڭلۇكنىڭ تۇنجى قېتىم چەت ئەلگە چىقىشى ھېسابلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى يىڭلۇك كۆپ قېتىم چەت ئەلگە چىقىشىنىڭ پەقەتلا بىر ئارام ئېلىش ئىكەنلىكىنى، چەت ئەلگە قېچىش ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە 8-ئاينىڭ 10-كۈنى تايلاندقا قايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.