باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن كورىيە پارتىيە-گۇرۇھ ھالقىغان پارلامېنت ئەزالىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

2014.07.25 09:57   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

ليۇ يۈنشەن كورىيە پارتىيە-گۇرۇھ ھالقىغان پارلامېنت ئەزالىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن 24-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى لى شىشۈەن باشچىلىقىدىكى كورىيە پارتىيە-گۇرۇھ ھالقىغان پارلامېنت ئەزالىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن 24-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى لى شىشۈەن باشچىلىقىدىكى كورىيە پارتىيە-گۇرۇھ ھالقىغان پارلامېنت ئەزالىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى .

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دېدى : رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كورىيەدىكى زىيارىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى جۇڭگو-كورىيە مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى يېڭى ، مۇھىم ئابىدە بولۇپ قالدى . جۇڭگو-كورىيە مۇناسىۋىتى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا ، جۇڭگو تەرەپ كورىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ، ئورتاق تونۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسىنى مۇستەھكەملەشنى ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى مۇستەھكەملەپ ، ئىككى دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇشنى ، مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ . جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كورىيەدىكى ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ ، پارتىيەنى ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى تەجرىبىلەرنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى جۇڭگو-كورىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشتا قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ .

  لى شىشۈەن مۇنداق دېدى : دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان ، كورىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈردى ، رەئىس شى جىنپىڭ كورىيەدە زىيارەتتە بولۇپ بۇ خىل مۇناسىۋەتنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كۆتۈردى . بىز پارتىيەلەر ئارىسىدىكى ئالاقە ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇشنى خالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئۆزبېكىستاننىڭ %50 ئائىلىسىدە مىنبۇس ماشىنا بار
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىستىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئوقۇغۇچىلارنى قاتناشتۇرۇش…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئائىلە ئەمگەك تاپشۇرۇقىنى كۆپەيتىشنى بەلگىلىدى
      ·يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش كۇچا ناھىيەسىنىڭ كەنىتلىرىنى قاپلىدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلار رويخېتى سىستېمىسى ئارقىلىق پەرزەنتلەرنىڭ كۆچۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ھەرقانداق شەكىلدە ئوقۇشقا كىرىش-ئۆر…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەربىر ئوقۇغۇچىغا مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئوقۇش تەۋەلىك نومۇرى تارقىلىتىدۇ
      ·كۈندە بىر سائەت ئويۇن ئويناش بالىلار ئۈچۈن پايدىلىق
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2014-يىلدىن باشلاپ ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىدىغان ئاسپىرانتلارنىڭ مەكتەپتە قېل…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خېڭ شۈي ئوتتورا مەكتىپىنى ئۆز ئىچگە ئالغان قالايمىقان ھەق ئېلىشقا ئالاقىدار بە…