باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2014.07.24 23:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 23-ئىيۇل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى يۇقىرى بولۇش مەسىلىسىنى تەدبىر قوللىنىپ ھەل قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى، «كارخانا ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاشنىڭ ۋاقىتلىق نىزام لايىھەسى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، ئادىل رىقابەت بازىرى مۇھىتى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: 1-پۇختا پۇل سىياسىتىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇش؛ 2-پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ مەبلەغ توپلاش تەننەرخى نامۇۋاپىق ئېشىشنى توسۇش؛ 3-كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش زەنجىرىنى قىسقارتىش؛ 4-نامۇۋاپىق ھەق يىغىش قىلمىشىنى ئېنىقلاپ تۈزىتىش؛ 5-سودا بانكىلىرىنىڭ كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا قەرز بېرىشىنى باشقۇرۇشنى سەرخىللاشتۇرۇش؛ 6-كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلارغا يۈزلەنگەن ئالاھىدە ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنى پائال، مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ 7-بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى كۈچلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ 8-سودا بانكىلىرىنى تەكشۈرۈش، باھالاش كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ 9-كىچىك، ئۇششاق كارخانا قاتارلىقلارنىڭ ئىناۋەتلىك قەرز مۇلازىمىتىگە ئېرىشكەن سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىنى كۈچلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ 10-ئۆسۈمنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش.

  يىغىندا «كارخانا ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاشنىڭ ۋاقىتلىق نىزام لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، كارخانىلارنىڭ ئاساسىي تىجارەت ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلىدىغان يىللىق دوكلاتنى ئېلان قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلدى ھەم پايچېكلار چىقارغان مەبلەغ، پاي ھوقۇقىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىش، ئالاقىدار تارماقلار ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىندى. تىجارىتى نورمال بولمىغان كارخانىلارنىڭ ئىسىملىكى ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان كارخانىلارنىڭ ئىسىملىكىنى تۇرغۇزۇپ، ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلمىغان ياكى يوشۇرغان، ساختىپەزلىك قىلغان كارخانىلارنىڭ ئىناۋىتىگە چەكلىمە قويۇش؛ ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش، قۇرۇلۇشقا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش، دۆلەت يېرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەردە يۇقىرىقىدىكى ئەھۋاللارغا قانۇن بويىچە چەكلىمە قويۇش ياكى چەكلەش؛ تارماقلار ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا بەھرىمەن بولىدىغان ئۇچۇر سەھنىسى قۇرۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ قانۇنغا رىئايە قىلمىغان، سەمىمىي بولمىغان، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان كارخانىلارنى بىر تەرەپ قىلىش؛ سەمىمىي، لەۋزىدە تۇرغان كارخانىلارغا لەۋھە بېرىپ، ئىناۋەتلىك كارخانىلارنىڭ ئادىل رىقابەت مۇھىتىدا ئۆزلۈكسىز زورىيىشىغا شارائىت ھازىرلاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر