باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن: يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپنى پائالىيەتكە باش-ئاخىر سىڭدۈرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى بىلەن خەلقنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىش كېرەك

2014.07.24 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئارقا-ئارقىدىن شىنىڭ، شاڭخەيلەردە ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى باشتىن-ئاياغ چىڭ تۇتۇپ، بېشى چىڭ ئاخىرى بوش بولۇپ قېلىش، زىددىيەت يىغىلىپ قېلىش، ئاددىي-يۈزەكى بولۇپ قېلىش ۋە قىسقا مۇددەتلىك ئۈنۈمدىن ساقلىنىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا، يېزا-بازار ۋە مەھەللە رەھبەرلىك بەنزىسى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى دېموكراتىك باھالاش خىزمىتى قەدەممۇقەدەم قانات يايدۇرۇلىدۇ، ئىككىنچى تۈركۈمدىكى پائالىيەتتىكى تۈزەش-ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلىدۇ، تۇنجى تۈركۈمدىكى پائالىيەتنىڭ تۈزەش ۋەزىپىسى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ، ھەرقايسى تەرەپتىكى خىزمەتلەر يەنىمۇ كۈچەشكە موھتاج. مىخ روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىپ، قاتتىق ۋە ئەمەلىي بولۇپ، پائالىيەتنىڭ ساختا، قۇرۇق، بىر تەرەپلىمە بولۇپ قالماسلىقىغا ۋە شەكىلۋازلىققا ئايلىنىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر