باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى مۇھىت ئاسراش جەھەتتىكى دېلولار ئېلان قىلىندى

2014.07.24 23:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى 12 مىڭ 369 مۇھىت ئاسراش قىزىق لىنىيەسى ئارقىلىق، ئامما پاش قىلغان 696 دېلونى قاراپ چىقىشقا قوبۇل قىلىپ، 2013-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %23 كۆپەيگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاتموسفېرا بۇلغىنىش يەنىلا ئاممىنىڭ دىققەت مەركىزى بولغان، بۇنىڭغا ئالاقىدار پاش قىلىنغان دېلو 558 بولۇپ، قاراپ چىقىشقا قوبۇل قىلىنغان دېلو ئومۇمىي سانىنىڭ %80.2 نى ئىگىلەپ، 2013-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %8.4 ئاشقان.

  رايون جەھەتتىن قارىغاندا، ئوتتۇرا، شەرقىي رايونلاردا پاش قىلىنغان دېلو سەل ئازايغان، پاش قىلىش سانى ئالدىنقى تۆت ئورۇندا تۇرىدىغان ئۆلكىلەر خېنەن، شەندۇڭ، جياڭسۇ، خېبېي بولغان. پاش قىلىنغان كەسىپلەردىن قارىغاندا، خىمىيە سانائىتى بۇلغىغان كەسىپلەرنىڭ بېشىدا تۇرغان؛ ئاندىن قالسا مېتال تاۋلاش، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە مېتاللوئىد كان مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش بولغان؛ بۇ جەھەتتە پاش قىلىش ۋە قاراپ چىقىشقا قوبۇل قىلىش سانى ئومۇمىي ساننىڭ %60 نى ئىگىلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر