- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شى جىنپىڭ تەيۋەندىكى ئايروپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا تەزىيە بىلدۈردى
2014.07.24 14:40 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: اتىن ئامېرىكىسىدا زىيارەت قىلىۋاتقان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ تەيۋەندە بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھادىسىگە ئۇچراپ، ئېغىر ئۆلۈش-يارىلىنىش كېلىپ چىققانلىقىغا قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشخانىسىدىن تەيۋەندىكى ئالاقىدار تارماقلارغا ئۆزى ۋە چوڭ قۇرۇقلۇق خەلقىنىڭ قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى.
تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 23-ئىيۇل كەچ سائەت 7 ئەتراپىدا، تەيۋەن فۇشىڭ ئاۋىياتسىيەسىنىڭ گاۋشيۇڭدىن پېڭخۇغا قاراپ ئۇچقان GE222-قېتىملىق ئايروپىلانى ھاۋارايى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن جىددىي قونغاندا ۋەقەگە ئۇچراپ، 47 ئادەم قازا قىلىپ، 11 ئادەم يارىلانغان.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە مەركىزى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر