باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كۇبا دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى قوشۇمچە مىنىستىرلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى رائۇل كاستىرو بىلەن سۆھبەتلەشتى(1)

2014.07.24 16:00   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ كۇبا دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى قوشۇمچە مىنىستىرلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى رائۇل كاستىرو بىلەن سۆھبەتلەشتى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شى جىنپىڭ سەمىمىي دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىقنى قەتئىي قانات يايدۇرۇپ، ئىسلاھات-تەرەققىياتتىكى ھەمراھلاردىن بولۇشنى تەكىتلىدى .

  شۇ جاي ۋاقتى 22-ئىيۇل، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھاۋانادا كۇبا دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى قوشۇمچە مىنىستىرلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى رائۇل كاستىرو بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  رائۇل كاستىرو رەئىس شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالدى، جۇڭگونى زىيارەت قىلغاندىكى ئىشلارنى خۇرسەنلىك بىلەن ئەسلەپ ئۆتتى ھەم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى ھەر قايسى ساھەلەرگە كېڭەيتىشىمىز كېرەك. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىر قاتار مۇھىم ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىد بولۇپ، ھەمكارلىق كۈچەيتىشتەك ئورتاق ئارزۇيىمىزنى نامايان قىلىشقا تەقەززا.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 54 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن كۇبا بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئورتاق ئارزۇ-ئېتىقادنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، سوتسىيالىزم قۇرۇش يولىدا جاپا-مۇشەققەت ۋە جەبر-جاپادا بىرگە بولۇپ كەلدى؛ باشتىن-ئاخىر بىر-بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، باراۋەرلىك ۋە ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى؛ زامانغا بېقىپ ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو-كۇبا مۇناسىۋىتىگە يېڭى كۈچ قوشتى. جۇڭگو كۇبا بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ،خەلقئارا ۋەزىيەت مەيلى قانداق بولۇپ كەتسۇن، جۇڭگو بىلەن كۇبا ئۇزاق مۇددەت دوستانە ئۆتۈش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرىدۇ. بىز سەمىمىي دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىقنى قەتئىي قانات يايدۇرۇپ، ئىسلاھات-تەرەققىياتتىكى ھەمراھلاردىن بولۇشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئۆزبېكىستاننىڭ %50 ئائىلىسىدە مىنبۇس ماشىنا بار
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىستىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئوقۇغۇچىلارنى قاتناشتۇرۇش…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئائىلە ئەمگەك تاپشۇرۇقىنى كۆپەيتىشنى بەلگىلىدى
      ·يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش كۇچا ناھىيەسىنىڭ كەنىتلىرىنى قاپلىدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلار رويخېتى سىستېمىسى ئارقىلىق پەرزەنتلەرنىڭ كۆچۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ھەرقانداق شەكىلدە ئوقۇشقا كىرىش-ئۆر…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەربىر ئوقۇغۇچىغا مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئوقۇش تەۋەلىك نومۇرى تارقىلىتىدۇ
      ·كۈندە بىر سائەت ئويۇن ئويناش بالىلار ئۈچۈن پايدىلىق
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2014-يىلدىن باشلاپ ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىدىغان ئاسپىرانتلارنىڭ مەكتەپتە قېل…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خېڭ شۈي ئوتتورا مەكتىپىنى ئۆز ئىچگە ئالغان قالايمىقان ھەق ئېلىشقا ئالاقىدار بە…