- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


قاغىلىق ناھىيەسىدىكى دېھقانلار قاق قۇرۇتۇشتىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدى
2014.07.25 11:48 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇساجان ياسىن خەۋىرى:باغۋەنچىلىكنى ئاساس قىلغان قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ تاغلىق رايونغا جايلاشقان چوپان،كۆكيار،زوڭلاڭ يېزىلىرى ۋە ئۇششاقباش بازىرى قاتارلىق ئورۇنلار ئۆرۈكچىلىكنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئىسسىق شامالدا ئۆرۈك قېقى قۇرۇتۇشىنى بىر تۈرلۈك ئەل رايى قۇرۇلۇشى قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، بۇ يىل 5-ئايدا نامراتلارنى مائالىيە ئارقىلىق يۆلەش مەبلىغىدىن 15 مىليون يۈەن مەلەغ سىلىپ، 200 دانە ئىسسىق شامالدا ئۈرۈك قېقى قۇرۇتۇش ئۈسكىنىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن. 7-ئاي بۇ تاغلىق يېزا-بازارلارنىڭ ئۆرۈك پىشىدىغان پەسلى بولۇپ، باغۋەن دېھقالار ئۆرۈكلەرنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى 1.7 يۈەندىن 2 يۈەنگىچە سىتىپ كىرمىنى ئاشۇردى.
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر