- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئېلىمىزدە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئالغانلار 600 مىليوندىن ئاشتى
2014.07.24 23:24 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئالغانلارنىڭ سانى 602 مىليونغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، پۇل مۇئامىلە ئىقتىدارىغا ئىگە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى 440 مىليوندىن ئاشقان. بۇلتۇر 11-ئاينىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ، تارقىتىلغان ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى 500 مىليوندىن ئېشىپ، تارقىتىش سانى يەنە بىر قېتىم يۈز مىليونلۇق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جايلاردىكى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى خىزمىتى تېز ئىلگىرىلىدى، تارقىتىش ئوبيېكتى شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىدىن شەھەر-بازار ئاھالىلىرى، يېزا ئاھالىلىرىغىچە كېڭىيىپ، 30 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى 335 ۋىلايەت، شەھەر ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى تارقاتتى، 24 ئۆلكە ئۆزىگە قاراشلىق ۋىلايەت، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى تارقاتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر