باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىغا كۈچ چىقىرىلدى

2014.07.24 23:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جۇڭگو نېفىت-خىمىيە گۇرۇھى، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ گۇرۇھى، دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى قاتارلىق دۆلەت كارخانىلىرى ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۆلەت دەسمايىسىدە سەمىمىي ئىپادە كۆرسىتىپ، يۇقىرى پاي ھوقۇقى نىسبىتى بىلەن خەلق دەسمايىسىنى جەلپ قىلىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلدى.

  پاي نىسبىتى-كارخانا ئىچىدىكى ئەمەلىي سۆز ھوقۇقى بىلەن تىجارەت ھوقۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا، پۇقراۋى دەسمايىنىڭ قاتقان پېيى ئاز بولسا، دۆلەت دەسمايىسى تەرىپىدىن يېيىلىپ كېتىشكە توغرا كېلىدۇ، ئەگەر پۇقراۋى دەسمايىنىڭ قاتقان پېيى كۆپ بولسا، دۆلەت دەسمايىسى ئېقىپ كېتىشتەك ئوڭايسىز ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. بىراق، جۇڭگو-ياۋروپا قۇرۇقلۇقى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە باشلىقى ليۇ شېڭجۈن مۇنداق دەپ قارىدى: دۆلەت كارخانىلىرى ھازىر جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە كوزىر ۋە سەمىمىيىتىنى كۆرسىتىپ، خەلق دەسمايىسىنى جەلپ قىلدى، بۇ مۇقەررەر ھالدا ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكنىڭ قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىدۇ. دۆلەت مۈلۈكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پېڭ جيەنگو مۇنداق دېدى: ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتى ئالدىدا ئاسان، ئارقىدىن تەس بولۇپ، بىر قىسىم ئاساسىي ياخشى كارخانىلار تاللىنىدۇ، رەھبەرلىك كوللېكتىپىمۇ بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ، ئىقتىسادىي ئەھۋالىمۇ بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ؛ كارخانىنىڭ ئۆز كەسپى ئاساسىمۇ بىر قەدەر ئېنىق ھەم تەجرىبىلىك بولىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، رىقابەتلىشىۋاتقان كارخانىلارغا قارىتىلىدۇ.

  نۆۋەتتە، دۆلەت مۈلۈكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتى جۇڭگو تېببىي دورا گۇرۇھى باش شىركىتى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى گۇرۇھى شىركىتىنى سىناق كارخانىسى قىلىپ بېكىتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى گۇرۇھىغا قاراشلىق كارخانىلار ئىچىدە، ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك نىسبىتى %85.4 كە يېتىپ، ئاز مىقداردىكى دۆلەت دەسمايىسى بىلەن كۆپ مىقداردىكى جەمئىيەت دەسمايىسى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ بىرلىكتە زورىيىشىغا پايدىلىق بولدى. گوۋۇيۈەن تەرەققىيات، تەتقىقات مەركىزى كارخانا تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ ۋېنكۈي مۇنداق دېدى: گەرچە ئېلىمىزنىڭ ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتى يەنىلا ئەمەلىيەت داۋامىدىكى ئىزدىنىش جەريانىدا تۇرسىمۇ، كەلگۈسىدە كارخانا گۇرۇھلارنىڭ پۈتكۈل ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ ئىستىقبالى ۋە جۇڭگو ئىقتىسادىغا ئاتا قىلىدىغان ھاياتىي كۈچىگە قارىتا، كەسپىي ئەربابلارنىڭ ئىشەنچىسى كامىل. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى سەي جىمىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك-جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئاساسىي يۆنىلىشىگە ئايلىنىدۇ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك-ئاممىنىڭ مەنپەئەتى، ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەتىنى كۆپرەك ئويلىشىدۇ، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ئۈنۈملۈك بولىدۇ، مەھسۇلات ھوقۇقىنى مىقدارلاشتۇرۇشتىن شەخسكىچە مەسئۇلىيەت بىلەن ھوقۇق بىرلىككە كەلگەن بولىدۇ، لېكىن كۆپ ھاللاردا شەخسىي مەنپەئەتنى قوغلىشىش سەۋەبىدىن، ئاممىنىڭ، جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە سەل قارىلىدۇ. ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكنىڭ ئەڭ تىپىك شەكلى-پاي تۈزۈمى، پاي تۈزۈمى ئىككى خىل مۈلۈكچىلىكنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەمچىلىكىنى شاللىغان، شۇڭا، پاي تۈزۈمىدىكى كارخانىلار زامانىۋى كارخانىلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق شەكلىگە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر