باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى لىگو:ياشانغانلارغا ئوبدان قاراش خىزمىتى ئېغىزدىكى سۆز بولۇپ قالماسلىقى كېرەك

2014.07.24 23:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرى، مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى لىگو 22-ئىيۇل مەملىكەتلىك ياشانغانلارغا ئوبدان قاراش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شارائىت چەكلىك بولغانلىقتىن يېزىلاردىكى ياشانغانلار ئەمەلىيەتتە بەھرىمەن بولىدىغان غەمخورلۇق تۈرلىرىدە تۈر ئاز، سەۋىيىسى تۆۋەن، دائىرىسى تار بولۇش مەسىلىلىرى مەۋجۇت. شەھەر يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىيات تەپەككۇرى بويىچە، ئىجتىمائىي كاپالەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ تەڭپۇڭلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا شەھەر يېزىلاردىكى ياشانغانلارنىڭ بىر يەردە تۇرۇپ ئوخشاش بولمىغان تەمىنات پەرقىنى تەدرىجىي كىچىكلىتىش لازىم.

  لى لىگو يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياشانغانلارغا ئوبدان قاراش خىزمىتى ئېغىزدىكى سۆز بولۇپ قالماستىن تېخىمۇ مۇھىمى ھەقىقىي ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كېرەك. ياشانغانلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىش لازىم.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېزىلاردا قېلىپ قالغان ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى رېئال قىيىنچىلىققا قارىتا ، ئىشلەپچىقىرىشتا ياردەم بېرىش، تۇرمۇش مۇلازىمىتى قىلىش، روھىي تەسەللى بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆڭۈل بۆلۈش ھەمدە ياشانغاندا كۈتۈنۈش، داۋالاش ، قۇتقۇزۇش قاتارلىقلاردىكى تولۇقلىما ئۆلچىمى، ئاتچوت دائىرىسى، قۇتقۇزۇش ئۆلچىمى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇۋاپىق ئىتتىبار بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېزالارنىڭ بەلگىلىمىسى، قوشنىلارنىڭ ئۆز ئارا ياردەم بېرىش ئۈستۈنلىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېزىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ياشانغانلارغا ئوبدان قاراش مۇلازىمەت تۈرىنى قېزىپ، يېزىلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت ، تەنتەربىيە ، سودا قاتارلىق مۇلازىمەت بايلىقىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلاش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر