باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارلىرىنى تاللاش ئىمتىھانى كېچىكتۈرۈلدى

2014.07.24 13:08         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  22–ئىيۇل ، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، 2014–يىل ئىيۇلنىڭ ئاخىرلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارلىرىنى تاللاش ئىمتىھان ۋاقتى كېچىكتۈرۈلگەن بولۇپ ، كونكرېت ئىمتىھان ۋاقتى قايتا ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىكەن .

  ئىمتىھان بەرگۈچىلار شىنجاڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تورى (www.xjkunlun.cn) ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى (www.xjrs.gov.cn) ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تورى (www.xjedu.gov.cn) غا كىرىپ ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشنى كۆرسە بولىدىكەن .

  ئىگىلىنىشىچە ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىر كۈن ئىلگىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئورنى تۇرۇشلۇق رايون (ئوبلاست، شەھەر) دىكى تاللاپ تەكلىپ قىلىش ئىشخانىسى بېكىتكەن ئورۇنغا بېرىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى ئېلىۋالسا بولىدىكەن ھەمدە ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىدا كۆرسىتىلگەن ۋاقىت ، ئورۇن ھەم ئالاقىدار تەلەپلەر بويىچە ، كىملىكى ياكى ئىناۋەتلىك ۋاقىتلىق كىملىكى ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى ئېلىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر