باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى برازىلىيە زوڭتۇڭى بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ

2014.07.25 00:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 22- ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى ئابىشىنزو 1- ئاۋغۇست برازىلىيە زوڭتۇڭى رۇسسېف بىلەن سۆھبەتلىشىدىكەن. ئابىشىنزو سۆھبەتتە برازىلىيىگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە دائىمىي ئەزا دۆلەت ئورنىنى كېڭەيتىش ئىسلاھات لايىھىسىنى بىرلىكتە سۇنۇشنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

  خەۋەردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ياپونىيە بىلەن برازىلىيە گېرمانىيە ، ھىندىستان بىلەن بىرلىشىپ، تۆت دۆلەت گۇرۇھىنى تەشكىللەيدىكەن. ھەمدە دائىمىي ئەزا دۆلەتنى 11 دۆلەتكە كۆپەيتىشتىن ئىبارەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسلاھات لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. بۇ 2005-يىلىدىن بۇيان تۆت دۆلەت يەنە بىر قېتىم يېتەكچىلىك قىلىپ خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسلاھات لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.لېكىن خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ كۈنسايىن ئېنىقلىشىشىغا ئەگىشىپ، ياپونىيىنىڭ دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەس ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر