ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 23-ئىيۇل جەنۋەدە بىر تۈرلۈك قارار ماقۇللاپ ، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ يىل 13-ئىيۇندىن بۇيان پەلەستىندە زېمىن ئىگىلەپ ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىنى كۈچلۈك ئەيىبلەپ، خەلقئارا مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ ، يەرلىكتىكى بارلىق خەلقئارا ئىنسانپەرلىك قانۇنى ۋە كىشلىك ھوقۇق قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلغان .
شۇ كۈنى جەنۋەدىكى دۆلەتلەر سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت كىشلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 21-قېتىملىق ئالاھىدە يىغىنىدا ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 47 دۆلەتنىڭ 29 ى قوللاش ، 17 سى ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كېچىش ، بىرى قارشى تۇرۇشتەك نەتىجە بىلەن قارار ماقۇللانغان . ئامېرىكا بىردىنبىر قارشى ئاۋاز بەرگۈچى دۆلەت بولۇپ قالغان .
قاراردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن : ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىنى ئىگىلىۋېلىشى ، بولۇپمۇ غەززە رايونىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇق بىلەن ئاساسىي ئەركىنلىككە ئېغىر تاجاۋۇز قىلغانلىق . ھەر قايسى تەرەپنىڭ پۇقرالارغا قاراتقان زوراۋانلىق قىلمىشلىرى قاتتىق ئەيىپلىنىدۇ . قاراردا يەنە ئىسرائىلىيەنى ھەربىي ھەرىكەتنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىنغان ھەمدە توقۇنۇشقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پۇقرالارغا قاراتقان ھۇجۇمنى توختىتىش ، شۇنداقلا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىنى قامال قىلىش ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىش تەلەپ قىلىنغان .
بۇ قېتىمقى ئالاھىدە يىغىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 22 دۆلەت ۋە 16 كۈزەتكۈچى دۆلەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۆتكۈزۈلگەن . ب د ت كىشلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمى Pillay يىغىندا تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن : موشۇ ئاينىڭ 7–كۈنى ئىسرائىلىيە ‹‹ تىغ قوغداش ھەرىكىتى ›› نى قوزغىغاندىن بۇيان ، غەززە رايونى ھاۋا، يەر يۈزى ، دېڭىز ئۈستىدىن بومباردىمان قىلىنىپ ، ئاز دېگەندىمۇ 147 بالا ۋە 74 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 600 پەلەستىنلىك قازا قىلدى . ب د ت يېقىن شەرق پەلەستىنلىك مۇساپىرلارنى قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن : 22-ئىيۇل كەچكىچە ، 118 مىڭ پەلەستىنلىك بۇ ئورگاننىڭ باشقۇرۇشىدىكى 77 مەكتەپكە بېرىپ پاناھلاندى .
ئىسرائىلىيە مۇشۇ ئاينىڭ 7-كۈنى ‹‹ تىغ قوغداش ھەرىكىتى ›› نى قوزغىدى ، پەلەستىن خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ 22-ئىيۇل ئىسپاتلىشىچە ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكىتىدە 600 پەلەستىن قازا قىلغان ، 3600 ئادەم يارىلانغان . ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ ئىسپاتلىشىچە ، ئىسرائىلىيە خاماس ۋە غەززە رايونىغا جەمئىي 2000 دانە راكېتا بومبا قويۇپ بەرگەن ، توقۇنۇشتا 28 ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ۋە ئىككى پۇقرا قازا قىلغان .