باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مېركىل ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن رۇسىيەنى يەنىمۇ جازالاشنى تەلەپ قىلدى

2014.07.25 00:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيە «ئەينەك» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ 23-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن رۇسىيەنى تېز سۈرئەتتە يەنىمۇ جازالاپ، كىرىم سارىيىغا بولغان بېسىمنى يەنىمۇ ئېغىرلىتىشنى تەلەپ قىلغان. مېركىل مۇنداق دېگەن: جازالاشنىڭ سەۋەبى شۇكى، رۇسىيە مالايسىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MH17 بەلگىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىگە ئىزاھات بېرىشنى خالىمىدى، گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئىپادىسىدىن جاق تويدى.

  خەۋەرگە قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەت سەۋەبىدىن، غەرب ئەللىرى بىرلىشىپ 2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىغا قارشى تۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر