باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نەنخەي فىلوتىدىكى گۈزەل سېمالار

2014.07.24 13:10         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ نەنخەي فىلوتى مەلۇم قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوت تارماق ئەترىتىنىڭ ‹‹جىڭگاڭشەن››، ‹‹چاڭبەيشەن›› ناملىق پاراخوتلىرىدىكى شىنجاڭلىق ئايال ئەسكەرلەر بۇ پاراخوتلارنىڭ رول باشقۇرۇش، ئۇرۇش قىلىش، ئالاقىلىشىش، رادار باشقۇرۇش، دېڭىزدا يۈرۈش قاتارلىق ھالقىلىرىدا جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلدى، ھازىر بۇ ‹‹تەڭرىتاغ قىزىل گۈللىرى›› نەنخەي فىلوتىدا پورەكلەپ ئېچىلىپ، جەزبىدارلىقىنى نامايان قىلىپ، بىپايان دېڭىزدا ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى.

  2011 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئايتۇلۇن شۆھرەت، ئالىيە ئەركىن، ئاسىمگۈل ئەمەت، نۇربىيە ئابلىم، ئاينۇر ئالىم قاتارلىق بەش شىنجاڭلىق قىز ‹‹جىڭگاڭشەن›› ناملىق پاراخوتقا تەقسىم قىلىنغانىدى، ئىلگىرى دېڭىز ۋە پاراخوتنى كۆرۈپ باقمىغان بۇ قىزلار پاراخوتتىكى ئىلغار قورال – ياراغلارنى كۆرگەندە، كۆڭلى يورۇپ، كۆزى ئېچىلغاندەك بولدى.

  شىنجاڭلىق قىزلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ئەتراپىدىكى نۇرغۇن كىشى ئۇلارنىڭ يېڭى مۇھىتقا، دېڭىز تۇرمۇشىغا كۆنەلمەسلىكىدىن ئەنسىرىگەنىدى. بىراق بۇ جەسۇر قىزلار قىسىمغا كېلىشتىن بۇرۇنلا دېڭىز ئارمىيە جەڭچىسى بولۇشنىڭ ئۇنچە ئاسانغا چۈشمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقانىدى. شۇڭا ئۇلار خىزمەتتە ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، ئەر ئەسكەرلەردىن قېلىشماي ئالغا ئىلگىرىلىدى، كۈندە ئەسۋابلارنى تەكشۈرۈش، مەشىق ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ ماختىشى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.

  تۇنجى قېتىم دېڭىزغا چىققاندا، ئۇلار سەككىز باللىق قاتتىق بوران ۋە تۆت مېتىر ئېگىزلىكتىكى دېڭىز دولقۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. شىددەتلىك دولقۇندا پاراخوت ئۇياق – بۇياققا قىڭغىياتتى، دېڭىزغا چىقىپ باقمىغان بۇ قىزلار ئارقا – ئارقىدىن ياندۇرۇپ ھېچ ھالى قالمىدى.

  شىددەتلىك دولقۇن پەسەيگەندىن كېيىنمۇ شىنجاڭلىق ئايال ئەسكەرلەرنىڭ گېلىدىن تاماق ئۆتمىدى، ئاشخانىدا ئۇلارغا مەخسۇس شوۋىگۈرۈچ ۋە خام سەيلەر تەييارلاپ بېرىلدى. سىياسىي كومىسسار خۇ جىخاۋ قىزلارغا مېۋە – چىۋە يەتكۈزۈپ بەردى، كونا ئەسكەرلەر ئۇلارغا باش قېيىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان چارىلەرنى ئۆگەتتى.

  پاراخوتتىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن، شىنجاڭلىق ئايال ئەسكەرلەر چىشىنى چىشلەپ، ئۆزئارا ئىلھام بېرىشىپ، خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇندىدى.

  رادار ئەسكىرى ئالىيەنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى ئانچە ياخشى بولمىغاچقا، خىزمەتلەرنى دوكلات قىلغاندا مەقسىتىنى تازا ئېنىق چۈشەندۈرەلمەيتتى، شۇڭا ئۇ بۇ ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈش ئۈچۈن خەنزۇ تىلىنى تىرىشىپ ئۆگەندى. ئالىيەنىڭ شۇنچە تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن پاراخوت باشلىقى ليۇ جۇڭخۇ ئۇنىڭغا ‹‹خەنزۇ تىلىنى مەشىق قىلىش ماتېرىيالى›› سوۋغا قىلدى ھەم خاتىرە دەپتەرگە دائىم ئىشلىتىدىغان كوماندا ۋە دوكلات مەزمۇنلىرىنى يېزىپ بەردى.

  سەپداشلىرى ۋە رەھبەرلەرنىڭ كۆيۈنۈشى ئالىيەنى بەكمۇ تەسىرلەندۈردى، ئۇ بۇ تەسىراتلىرىنى ‹‹ئائىلىمىز ئۈچۈن›› دېگەن ماقالىسىگە كىرگۈزۈپ، ئارمىيە گېزىتىدە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق يېزىلغانىدى: پاراخوتتىكى رەھبەرلەر كۆيۈمچان ۋە تەلەپچان ئاتا – ئانامغا ئوخشايدۇ، سەپداشلىرىم بىلەنمۇ قېرىنداشتەك يېقىن ئۆتۈۋاتىمەن، ‹‹جىڭگاڭشەن›› ناملىق پاراخوت مېنىڭ چوڭ ئائىلەم!

  مېھىر – مۇھەببەت شىنجاڭلىق ئايال ئەسكەرلەرگە كۈچ – قۇۋۋەت ئاتا قىلدى. جاپاغا چىداپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە، 2013 – يىلىنىڭ بېشىدا بۇ بەش ئۇيغۇر ئايال ئەسكەر پاراخوت مەشىق مەركىزى تەشكىللىگەن ئىش ئورنى لاياقەتلىك ئىمتىھانىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، مۇستەقىل نۆۋەتچىلىك قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

  تارماق ئەترەتنىڭ سىياسىي كومىسسارى شياۋ مىنشېڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭلىق ئايال ئەسكەرلەر خىزمەتتە زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ، ئۇلار ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئېرىشىشنى ئەسلا تەلەپ قىلمايدۇ، مەشىق جەريانىدا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭىۋاتىدۇ.

  2013 – يىل 4 – ئاينىڭ 9 – كۈنى شىنجاڭلىق ئايال ئەسكەرلەر ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹جىڭگاڭشەن›› ناملىق پاراخوتنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئايتۇلۇن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ پاراڭلاشتى. بۇ خەۋەر شىنجاڭغا تارقالغاندىن كېيىن، شىنجاڭ دائىرىسىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.

  ئايتۇلۇن 2013 – يىلى 8 – ئايدا شەرەپ بىلەن جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى داليەن ھەربىي ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىندى، ئالىيە، ئاسىمگۈل، نۇربىيە ۋە ئاينۇرلار ‹‹جىڭگاڭشەن›› ناملىق پاراخوتتا ئادېن قولتۇقىغا بېرىپ، پاراخوت قوغداش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداپ، تۇنجى تۈركۈمدە پاراخوت قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن شىنجاڭلىق ئايال ئەسكەرلەر بولۇپ قالدى.

  ‹‹بەنجاڭ، بىز ھازىر پاراخوتتىكى تۇرمۇشقا كۆندۇق، مۇستەقىل نۆۋەتچىلىك قىلالايدىغان بولدۇق، بۇ قېتىمقى دېڭىز سەپىرىگە چوقۇم قاتنىشىپ، ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇندايمىز››.

  بۇ، ‹‹چاڭبەيشەن›› ناملىق پاراخوتتىكى شىنجاڭلىق بەش قىز گۈلنۇر قاسىم، دىلنۇر جۈرئەت، خالىدە تۇرسۇن، ماھىرە مەخمۇت، سەبىرە ئۆمەرجانلارنىڭ پاراخوت قوغداش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا كەتكەن بەنجاڭى ئاسىمگۈلگە قالدۇرغان خېتى ئىدى. ئاسىمگۈل قايتىپ كېلىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، بۇ بەش قىز ‹‹چاڭبەيشەن›› ناملىق پاراخوتتا دېڭىزدىكى 20 نەچچە كۈنلۈك پاراخوت قوغداش مەشىقىنى باشلىۋەتكەنىدى.

  گۈلنۇر، دىلنۇر، ماھىرە، سەبىرە، خالىدە 2012 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا قىسىمغا ئەزا بولغانىدى. شۇ چاغدا ئۇلارنى خۇشال قىلغىنى، بىرىنچى تۈركۈمدە ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنغان يۇرتداشلىرىدىن ئايتۇلۇن بىلەن ئاسىمگۈل بۇ پاراخوتقا ۋاقىتلىق چىقىپ، ئۇلارنى يېتەكلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانىدى.

  يېڭى ئەسكەرلەرنى ئۈچ ئاي مەشىقلەندۈرۈش جەريانىدا، ئۇلار ئۆزئارا چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. يېڭى ئەسكەرلەرنىڭ ئۈچ ئايلىق مەشىقى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئۇلار ‹‹جىڭگاڭشەن›› ناملىق پاراخوتتا قايتا كۆرۈشۈشكە پۈتۈشتى.

  2013 – يىلى 8 – ئايدا ئاسىمگۈل ‹‹جىڭگاڭشەن›› ناملىق پاراخوتتا 15 – تۈركۈمدىكى پاراخوتنى قوغداش ۋەزىپىسىگە ئاتلاندى، شۇ يىلى 8 – ئايدا ئايتۇلۇن جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ داليەن ھەربىي ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىندى.

  ئايتۇلۇن بىلەن ئاسىمگۈل خەت يېزىپ ۋە تېلېفون بېرىپ ‹‹چاڭبەيشەن›› ناملىق پاراخوتتىكى قىزلار بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزمىدى، ھەر ۋاقىت ئۇلارنى مۇنەۋۋەر دېڭىز ئارمىيە جەڭچىسى بولۇشقا ئۈندىدى.

  سەبىرە تۇنجى قېتىم مۇستەقىل نۆۋەتچىلىك قىلغاندا يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلانغانىدى، بىراق ئۇ بۇنى ھېچكىمگە بىلىندۈرمەي، ئۆزى دوختۇرخانىغا كىرىپ، زەخىملەنگەن يېرىنى تاڭدۇرۇپ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋەردى. ماھىرە بىلەن دىلنۇر پاراخوتتا بېشى قايىدىغان ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھەر قېتىم دېڭىزغا چىقىشتىن بۇرۇن جەڭگىۋار ھالەتتە تۇرۇشنى مەشىق قىلاتتى، سائەت – سائەتلەپ ئۆرە تۇرغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ بەدىنى چىلىق – چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كېتەتتى.

  2014 – يىلى 4 – ئايدىكى دېڭىز سەپىرى بۇ ئايال ئەسكەرلەردە ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل ئەسلىمە قالدۇردى. سەبىرە قاتارلىق بەش ئۇيغۇر ئايال ئەسكەر ‹‹چاڭبەيشەن›› ناملىق پاراخوتتا ھىندونېزىيەدىكى بىر قۇتقۇزۇش مانېۋىرىغا قاتناشتى. سەبىرە بىلەن دىلنۇر شۇ قېتىم جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ۋاكالىتەن مانېۋىردا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشتى.

  ھازىر ‹‹چاڭبەيشەن›› ناملىق پاراخوتتىكى بۇ جاسارەتلىك بەش ئايال ئەسكەر ۋەتەنگە بولغان چىن مۇھەببەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يېڭى – يېڭى رىقابەتلەر ئۈستىدىن غالىب كېلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر