باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىجتىمائىي خىزمەت ئىختىساسلىقلىرى 2000غا يەتمەيدۇ

2014.07.24 13:08         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  - ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئىجتىمائىي خىزمەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ جىيۇڭنى زىيارەت ياڭ يىڭچۈن

  مۇخبىر: ئاپتونوم رايونىمىزدا كەسپىي ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەر قىسمۇ؟

  ليۇ جىيۇڭ: ئاپتونوم رايونىمىزدا كەسپىي ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەر ئىنتايىن قىس، ھازىرغىچە 2000غا يېقىن كىشى مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەر كەسپىي سەۋىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، ئىجتىمائىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى، بۇنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياج بىلەن بولغان پەرقى ئىنتايىن چوڭ. ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي خىزمەت ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك پىلانى››غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹12 – بەش يىل››نىڭ ئاخىرىغىچە مەخسۇس ۋە قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى ئىجتىمائىي خىزمەتچىدىن 40 مىڭنى، 2020 – يىلىغىچە مەخسۇس ۋە قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى ئىجتىمائىي خىزمەتچىدىن 57 مىڭنى قوبۇل قىلىپ، 100 ئىجتىمائىي خىزمەت ئۈلگە نۇقتىسى بەرپا قىلىشنى پىلانلىدى.

  مۇخبىر: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىجتىمائىي خىزمەت كەسپىي خادىملىرىنىڭ مائاش تەمىناتى قانداق؟

  ليۇ جىيۇڭ: نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىجتىمائىي خىزمەت كەسپىي خادىملىرىنىڭ مائاش تەمىناتى ئوخشاش ئەمەس، ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن بولۇپ، ئىجتىمائىي خىزمەت كەسپىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنىڭ مۇقىملىقى ۋە زورىيىشىغا پايدىسىز. ئىجتىمائىي خىزمەت كەسپىي خادىملىرىنىڭ مائاش تەمىناتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قېلىش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاتارلىق 18 مىنىستىرلىق، كومىتېتنىڭ ‹‹ئىجتىمائىي خىزمەت كەسپىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي خىزمەت ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات پىلانى(2011 – 2020)››نىڭ روھىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي خىزمەت كەسپىي خادىملىرىنىڭ مائاش تەمىناتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى(سىناق نۇسخىسى)››نى ئېلان قىلدى.

  ئاپتونوم رايون ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتكە ئالاقىدار ئورگان، (كارخانا) كەسپىي ئورۇنلار ئاكتىپلىق بىلەن شارائىت ھازىرلاپ، ئىجتىمائىي ئىش ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالاقىدار مائاش تەمىناتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ.

  ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى يەرلىكنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك

  مۇخبىر: ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي خىزمەت كەسپىي خادىملىرىنىڭ مائاش تەمىناتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى(سىناق نۇسخىسى)››دە ئىجتىمائىي خىزمەت تەمىناتى توغرىسىدا قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟

  ليۇ جىيۇڭ: ‹‹پىكىر››دە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن خىزمەت ئەمەلىي نەتىجىسىگە بىرلەشتۈرۈپ ئىش ئورنى مائاشى بېكىتىش، ئىش ئورنىغا ئاساسەن مائاش بېرىشنى يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي خىزمەت كەسپىي خادىملىرىنىڭ مائاش تەمىناتىنى مۇۋاپىق بېكىتىشى، مائاش تەمىناتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان يەرلىكنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك، دەپ بەلگىلەندى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە ‹‹پىكىر››دە ئورگان، (كارخانا) كەسپىي ئورۇنلارغا قوبۇل قىلىنىپ رەسمىي ئىشتات بويىچە باشقۇرۇشقا كىرگۈزۈلگەن ئىجتىمائىي خىزمەت كەسپىي خادىملىرى شۇ ئورۇندىكى ئوخشاش ۋەزىپە – دەرىجىدىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ مائاش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. ‹‹پىكىر››دە يەنە، ئەمگەك توختامى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىجتىمائىي خىزمەت كەسپىي خادىملىرىغا قارىتا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن باراۋەر، ئىختىيارىي، بىردەك كېلىشىش پىرىنسىپى بويىچە ئەمگەك توختامى ئىمزالايدۇ ۋە كەسپىي سەۋىيە گۇۋاھنامىسىدىكى دەرىجىسى، ئۇنۋانى، سالاھىيىتى ۋە ئەمەلىي كەسپىي ئىقتىدارىغا ئاساسەن كېڭىشىپ مائاش تەمىناتىنى بېكىتىدۇ، مائاش تەمىناتى يەرلىكنىڭ ئوخشاش شەرتتىكى كەسپىي تېخنىكا خادىمىنىڭ مائاش تەمىناتى ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك، دەپ بەلگىلەندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن، ئوخشاش شارائىتتا قوبۇل قىلىنغان خادىملارنىڭ كىرىم سەۋىيەسىدىن پايدىلىنىپ، ئىجتىمائىي خىزمەت كەسپىي خادىملىرىنىڭ مائاش يېتەكچى باھاسىنى قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ.

  ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك

  مۇخبىر: ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي خىزمەت كەسپىي خادىملىرىنىڭ مائاش تەمىناتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى(سىناق نۇسخىسى)››دە ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى توغرىسىدا قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟

  ليۇ جىيۇڭ: ‹‹پىكىر››دە مۇنداق بەلگىلەنگەن، يەنى، ئىجتىمائىي خىزمەت كەسپىي خادىملىرىنىڭ مائاش تەمىناتى كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، كونكرېت مائاش تەمىناتى تۆۋەندىكىچە: ئىجتىمائىي خىزمەت باش نازارەتچىسىگە ئايدا 4000 يۈەن، ئىجتىمائىي خىزمەت نازارەتچىسىگە ئايدا 3500 يۈەن بېرىلىدۇ؛ ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەرنىڭ 1 – دەرىجىلىك ئىش ئورنىدىكىلەرگە ئايدا 3160 يۈەن، ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەرنىڭ 2 – دەرىجىلىك ئىش ئورنىدىكىلەرگە ئايدا 3030 يۈەن، ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەرنىڭ 3 – دەرىجىلىك ئىش ئورنىدىكىلەرگە ئايدا 2940 يۈەن بېرىلىدۇ؛ ياردەمچى ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەرنىڭ 1 – دەرىجىلىك ئىش ئورنىدىكىلەرگە ئايدا 2780 يۈەن، ياردەمچى ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەرنىڭ 2 – دەرىجىلىك ئىش ئورنىدىكىلەرگە ئايدا 2700 يۈەن بېرىلىدۇ؛ ئىجتىمائىي خىزمەتچى(13 – دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا خىزمەت ئورنى بىلەن تەڭ)گە ئايدا 2570 يۈەن بېرىلىدۇ؛ ئىجتىمائىي خىزمەت پىراكتىكانتلىرىغا ئايدا 300 يۈەن بېرىلىدۇ. يۇقىرىقى مائاش يېتەكچى باھاسى جامائەت پاراۋانلىق مۇلازىمىتى خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىجتىمائىي خىزمەت كەسپىي خادىملىرىغا ماس كېلىدۇ، ئىش ئورنى تولۇقلىمىسى، شەخس تاپشۇرىدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ۋە شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر