- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۇكرائىنا كۈرەشچى ئايروپىلانى ئەلئىچى قوراللىقلىرى تىزگىنلىگەن رايوندا ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
2014.07.25 00:03 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مالايسىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MH17 بەلگىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن جايغا 20 كىلومېتىرمۇ كەلمەيدىغان جايدا 23-ئىيۇل ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ سۇ 25 بەلگىلىك ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى. ئۇكرائىنانىڭ بۇ ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا رۇسىيە تەۋەلىكىدىن قويۇپ بېرىلدى دېدى. رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ئەيىبلىشىگە تېخى ئىنكاس قايتۇرمىدى.
ئۇكرائىنا دۆلەت ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى رېشىنكو مۇنداق دېدى: دەسلەپكى خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇكرائىنانىڭ بۇ ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا رۇسىيە تەۋەلىكىدىن قويۇپ بېرىلگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر