باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9–يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىدى

2014.07.24 13:06         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مېھرىگۈل تۇردى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9 – يىغىنى 23 – ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 9 – يىغىنىنىڭ قارالمىسى ماقۇللاندى، يىغىن ئۈچ كۈن ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى بەرگەن ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىش مۇھىتىنى ئاسراش نىزامى(لايىھە)›› ۋە ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ كەنت، ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ سايلام چارىسى(ئۆزگەرتىلگەن لايىھە)››نى قاراپ چىققانلىق نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەرگەن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات – تەرەققىيات كومىتېتى بەرگەن ئاپتونوم رايوننىڭ 2014 – يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى توغرىسىدىكى دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى بەرگەن ئاپتونوم رايوننىڭ 2013 – يىللىق شۇ دەرىجىلىك نەقچوتى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2014 – يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق مالىيە خامچوتىنىڭ ئىجراسى توغرىسىدىكى دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتى بەرگەن ئاپتونوم رايوننىڭ 2013 – يىللىق شۇ دەرىجىلىك خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم – چىقىم ئەھۋالىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتى بەرگەن ئاپتونوم رايوننىڭ 2013 – يىللىق شۇ دەرىجىلىك نەقچوتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەرگەن ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ يەر ئاستى سۇ مەنبەلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى››نىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلات، تارىم دەريا ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈزەش ۋە ئاسراش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلات ۋە كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش – قالدۇرۇش ئىشلىرى ھەققىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ يۇڭمىڭ، جاپپار ھەبىبۇللا، ما مىڭچېڭ، تېلىۋالدى ئابدۇرېشىت، مۇتەللىپ قاسىم، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇنلار يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماغاۋ سېيتقامزا، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يەن فېنشىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى نىشان ئىبراھىم قاتارلىق رەھبەرلەر يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر