باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مالايشىيا MH17 يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسى گوللاندىيەگە تاپشۇرۇلدى، سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش ئەنگلىيەگە ھاۋالە قىلىندى

2014.07.24 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  22-چېسلا گوللاندىيە ھۆكۈمىتى مۇنداق دېدى: مالايسىيا ھۆكۈمەت ئەمەلدارى مالايسىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ MH17 قېتىملىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسىنى گوللاندىيە تەكشۈرگۈچى خادىملىرىغا تاپشۇرۇپ بەردى. كېيىنكى قەدەمدە قارا قۇتا ئەنگلىيەگە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئەنگلىيە ئايروپىلان ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش ئورنى گوللاندىيە تەرەپنىڭ ھاۋالىسى بويىچە سانلىق مەلۇماتلارنى چۈشۈرىدۇ ۋە تەھلىل قىلىدۇ.

  شۇ كۈنى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى خەلق قوراللىق كۈچلىرى دونېچىكتا مالايسىيا ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ئىككى قارا قۇتىنى تاپشۇرۇپ بەردى، مالايسىيا تەرەپ ئارقىدىنلا ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيىۋدا قارا قۇتىنى گوللاندىيە تەرەپكە تاپشۇرۇپ بەردى.

  قارا قۇتىنىڭ بىرىدە ئايروپىلان كابېنكىسىدا بولۇنغان پاراڭلار، يەنە بىرىدە ئۇچۇشقا ئائىت بارلىق سانلىق مەلۇماتلار ساقلانغان. قارا قۇتا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىشى مۇمكىن.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر