باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستان ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مۇشەررەفنىڭ چېگرادىن چىقىشىنى چەكلىدى

2013.04.09 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. پاكىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى 8-چېسلا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، سابىق زۇڭتۇڭ مۇشاررافتىن 9-چېسلا سوتقا چىقىپ دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى ئەيىبنامىسىنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدى ۋە ئۇنىڭ چىگرىدىن چىقىشىنى چەكلىدى.

  مۇشەررەف 1999-يىلى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتىن پايدىلىنىپ تەختكە چىققان بولۇپ، 2008-يىلى زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ، كۆپ ۋاقتىنى ئەنگلىيە لوندون ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگى دۇبەيدە ئۆتكۈزگەن. ئالدىنقى ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۇ پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى كاراچى شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، 4 يىلدىن كۆپرەك داۋاملاشقان سۈرگۈنلۈك ھاياتىغا خاتىمە بەرگەن.

  مۇشەررەف توغرىسىدا پاكىستاندا خېلىلا چوڭ تالاش-تارتىش بار، ھازىرغا قەدەر ئۇ ئۈچ دېلوغا چېتىشلىق بولۇپ، بۇ دېلولار ئايرىم-ئايرىم ھالدا پاكىستاننىڭ سابىق زۇڭلىسى بىنەزەر بوتونىڭ 2007-يىلى قەستكە ئۇچراش دېلوسى، 2006-يىلىدىكى بىر قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەتتە بىر قەبىلە باشلىقىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ۋە 2007-يىلى جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈپ، ئالىي باش سودىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالىي سوت مەھكىمىسى ۋە يۇقىرى سوت مەھكىمىسىدىكى 60 قا يېقىن سودىيەلەرنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇش ۋەقەسى.

  مۇشەررەفنى چاقىرتىشتىن باشقا يەنە، ئالىي سوت مەھكىمىسى 8-ئاپرېل مۇشەررەفنىڭ پاكىستاندىن ئايرىلىشىنى چەكلەش توغرىسىدا كېسىم چىقاردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە