باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەل تاراتقۇلىرى:جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىر مەيدان«يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى»نى ئېلىپ بارماقتا، دېدى(1)

2012.12.19 13:43        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەتئەل تاراتقۇلىرى:جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىر مەيدان«يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى»نى ئېلىپ بارماقتا، دېدى.

  ئامېرىكىدىكى «يۇلتۇز بايراق گېزىتى» تور بېكىتىدە 17-دېكابىر: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى بىر-بىرگە ئىشەنمەسلىك تارىختىكى يۇقىرى نۇقتىدا تۇرماقتا، جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى تىنچ ئوكيان رايونىدا تىغمۇ-تىغ مۇسابىقىلىشىۋاتىدۇ، دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلدى.

  جۇڭگو ھازىر ئارمىيەسى بولۇپمۇ دېڭىز ئارمىيەسىنى كەڭ دائىرىدە زامانىۋىلاشتۇرماقتا، يېقىنقى نەچچە ئايدا جۇڭگو شەرقىي دېڭىزدىكى ئادەم تۇرمايدىغان ئارال مەسىلىسىدە ياپونىيە بىلەن، خۇاڭيەن ئارىلى مەسىلىسىدە فىلىپپىن بىلەن قارشىلاشتى. ياپونىيە ۋە فىلىپپىننىڭ ئامېرىكا بىلەن مۇداپىئە شەرتنامىسى بار.

  جۇڭگونىڭ بىر ئاۋىئاماتكىسى سەپكە قوشۇلدى، ئۇنىڭغا قىرغۇچى 15تىپلىك كۆرەشچى ئايروپىلان سەپلەنگەن، ئادەمسىز ئايروپىلانى ئوكىناۋاغا يېقىن جايدا مانېۋىرغا قاتناشتى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا كۈچىنى تىنچ ئوكيان رايونىغا قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۋاتىدۇ ھەمدە مەزكۇر رايون بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتمەكتە، بېرمىدا يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا بېرمىغا ياخشىچاق بولدى. ئامېرىكا يەنە ۋىيتنام ۋە كامبودژا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتتى. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمى ئاۋسترالىيەگە ئورۇنلىشىپ بولدى، سىنگاپورغا دېڭىزدا ئۇرۇش قىلىش پاراخوتى ئورۇنلاشتۇرماقچى بولىۋاتىدۇ، بىر قىسىم تەھلىلچىلەر بۇ ھەرىكەت چەكلەش سىياسىتىنى يولغا قويۇش، دەپ ھېسابلىدى.

  بېيجىڭ ۋە بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ يۇقىرى قاتلاملىق سۆھبىتى، ھەربىي مانېۋىرىغا تەكلىپ قىلىش شۇنداقلا ئۆز-ئارا زىيارەتتە بولىۋاتقان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھەربىي بازىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشى- ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىكنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىدا تۇرىدىغان ئەمەلىيەتنى پۇشۇرۇپ قالالمايدۇ. بۇ تىغمۇ-تىغ شىددەتلىك ئېلىشىش ۋە قۇرال كۈچىنى كۆز –كۆز قىلىش- سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن بۇيان، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىن باشقا يەردە كۆرۈلۈپ باقمىغان.

  بۇ يىلقى ئىككى مۇھىم دوكلاتتا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەھۋالى تەپسىلىي شەرھلەندى. كۆپ يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، مەخپىي تېخنىكىنى ئوغۇرلۇقچە قولغا چۈشۈرۈش شۇنداقلا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوللىشى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرىكى تېخىمۇ چوڭايدى، ئامېرىكىنى بارغانسېرى چېكىنىۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت دەپ قارايدۇ. جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلەشتۈرمەكتە، بۇنىڭدىكى مەقسەت- ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيە سۇپىسىغا تاقابىل تۇرۇش. جۇڭگونىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى ئۆتكۈنچى مەزگىلدە تۇرماقتا، ئەمما تەھلىلچىلەر ۋەزىيەت كۆپ ئۆزگەرمەيدۇ، دەپ مۆلچەرلىدى.

  جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئاجىز مۇناسىۋىتىنىڭ نۇرغۇن ئاتىلىشى بار، دۈشمەنلىشىش مۇناسىۋىتىدىن ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىغىچە ھەممىسى بار. مىئامىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىيشۇناسلىق پىروفېسسورى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا مۇداپىئە سىياسىتىنى تەتقىق قىلغۇچى مۇتەخەسسىس دېلىر ھازىر بىر مەيدان يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى داۋاملاشماقتا دېدى.

  دېلىر مۇنداق دېدى: بۇ كىشىلەرگە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رىقابىتىنى ئەسلىتىدۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ خىل رىقابەتنىڭ يۈز بېرىشىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت ھەربىي ژۇرنىلىدا بۇ تەرەپ ئېتىراپ قىلىندى.

  شىياڭگاڭ لىڭنەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا تىنچ ئوكيان تەتقىقات مەركىزىنىڭ سىياسىيشۇناسلىق پىروفېسسورى جاڭ بوخۈي بۇنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دېيىشكە تاس قالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭچە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ھېچبولمىغاندا بىر مەيدان ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت يۈز بەردى، ئۇلار ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا تەسىر كۈچى ۋە رەھبەرلىك ئورنىنى قولغا كەلتۈرمەكچى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە