باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

غەربىي سىبىرىيەدىن جەنۇپقا سۈرۈلگەن سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىللىق ئەڭ كۈچلۈك بولغان تېپىراتورا تۆۋەنلەشنى كۈتىۋالىدۇ

2012.12.18 16:37         مەنبە: شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىستانسىمىز خەۋىرى: غەربىي سىبىرىيەدىن جەنۇپقا سۈرۈلگەن سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە،تۈنۈگۈن كەچتىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىللىق ئەڭ كۈچلۈك بولغان تېپىراتورا تۆۋەنلەشنى كۈتىۋالىدۇ. بۇ-- باغۋەنچىلىك، قاتناش قاتارلىق جەھەتلەرگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. يېقىندىن بۇيان، ئارقا- ئارقىدىن سوغۇق ئېقىم كۆرۈلدى. تۈنۈگۈندىن باشلىنىدىغان بۇ قېتىملىق تېمپىراتورا تۆۋەنلەش-- شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكى ھەرقايسى جايلارغا يەنە بىر قېتىملىق قار ئېلىپ كېلىدۇ. ئىلى دەرياسى جىلغىسى، تەڭرىتاغ تاغلىق رايونى قاتارلىق بىر قىسىم جايلاردا قېلىن قار يېغىشى مۇمكىن. مۇشۇ ئاينىڭ 21- كۈنى ھاۋا ئېچىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، كۈچلۈك بولغان تېمپىراتورا تۆۋەنلەش-- شىمالىي شىنجاڭ رايونىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى قەھرىتان قىش پەسلىگە ئېلىپ كىرىشى مۇمكىن. ئاپتونوم رايونلۇق مېتىئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى جاڭ يۈنخۈي مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ھاۋارايى ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، تېمپىراتورا زور نىسبەتتە تۆۋەنلەيدۇ. بۇنىڭدا ئاساسلىقى، مۇشۇ ئاينىڭ 21-، 22- كۈنلىرى، ئالتاي رايونىدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتورا نۆلدىن تۆۋەن 32 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گىرادۇسقىچە چۈشۈشى؛ ئىلى دەرياسى جىلغىسى، تەڭرىتاغ بويى ۋە قۇمۇلنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا، ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتورا نۆلدىن تۆۋەن 25 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 35 سېلسىيە گىرادۇسقىچە چۈشۈشى؛ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا، تېمپىراتورا 8 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلىشى مۇمكىن.

  بۇ قېتىملىق كۈچلۈك تېمپىراتورا تۆۋەنلەشنىڭ تەسىرىدە، ئۈرۈمچىدە مۇشۇ ئاينىڭ 19- كۈنى ئەتتىگەندىن تارتىپ، ئوتتۇراھال قار يېغىشى؛ مۇشۇ ئاينىڭ 21-، 22- كۈنلىرى، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا تېمپىراتورىسى نۆلدىن تۆۋەن 25 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈشى مۇمكىن. جاڭ يۈنخۈي مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى كۈچلۈك سوغۇق ئېقىم ئاساسلىقى باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، مۇئەسسەسەلىك يېزا ئىگىلىكى، قاتناش- تىرانسپورت ئىشلىرىغا بىر قەدەر زور تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. شەھەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، شەھەرلەرنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشتىكى يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. تېمپىراتورا تۆۋەنلەش يەنە تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئاھالىلار سىرتقا ئازراق چىقىشى، ئالاقىدار تارماقلار تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە